HTC One A9 يانفونىنىڭ توق قىزىل ۋە ھال رەڭلىك ئىكى خىل نۇسخىسى (يۇقىرى سەپلىمىلىك) بۈگۈن جىڭدوڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باھاسى 2999 يۈەن ئىكەن.
HTC One A9 نىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسى دەسلەپ ئېلان قىلىنغاندا، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە كۈل رەڭلىك ئۈچ خىل نۇسخىسى تەمىنلەنگەن، بۈگۈن يېڭىدىن توق قىزىل ۋە ھال رەڭلىك ئىككى خىل نۇسخىسى قوشۇلغان بولۇپ، ياش قىز-ئاياللارنى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى نىشانلىغان ئاساستا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان.
يانفوننىڭ ئۆزىگە كەلسەك، HTC One A9 نىڭ ئالدى ئېكران تاختىسىغا 2.5D ياي يۈزلۈك ئەينەك قەۋىتى سەپلەنگەن، ئاستىغا بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساس كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يانفون گەۋدىسى مېتالدىن ياسالغان، گىرۋىكى يۇمىلاق چىقىرىلغان بولۇپ، ئومومىي جەھەتتىن ئىنتايىن نەپىس ۋە يېقىشلىق كۆرۈنىدىكەن.
قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا كۇۋالكوم تەمىنلىگەن سنەپدراگون 617 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P بولغان 5.0 دىيۇملۇق AMOLED ئېكران، 2GB/3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16/32GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، ئالدىغا UltraPixel تېخنىكىسى قوللىنىلغان تۆت مىليون پىكسېللىق، ئارقىسىغا 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا، F2.0 چوڭ ئوپتىك چەمبىرىكى ۋە OIS ئوپتىك تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن؛ باتارىيە سىغىمى 2150 مىللىئامپىر بولۇپ، تېز زەرەتلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان؛ ئاندىرويىد 6.0 ئالدىن قاچىلانغان بولۇپ، ئىككى خىل نۇسخىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2799 يۈەن ۋە 2999 يۈەن ئىكەن.
![]() |
تېڭشۈن تورى پەن-تېخنىكىسىنىڭ 8-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، ئارخېئولوگلار بېنت ئېھرامى (قاھىرە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا) نى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved