جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا ئوھىئو ئىشتاتى كېۋېلاند شەھىرىدە 2012-يىلى يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قورالسىز ئىككى قارا تەنلىكنى ئېتىۋەتكەنلىكتىن جىنايى ئىشلار شىكايىتىگە ئۇچرىغان ئاق تەنلىك ساقچىغا تۈنۈگۈن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى. بۇ ئىشتىن كېيىن شۇ جايدا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.
كېۋېلاندتىكى ماشىنىنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە 13 ساقچى ئىككى قارا تەنلىككە ئوق چىقارغان، لېكىن پەقەت ئاق تەنلىك ساقچى بۇرىللولا ئەيىبلەنگەن. زاسېداتېللا ئۆمىكى بولمىغان ئەھۋالدا بىر ئايدىن ئارتۇق سوتلىنغاندىن كېيىن بۇ ئىشتات كاخوگو ناھىيەسىنىڭ سوتچىسى ئوتاننىل شۇ كۈنى بۇرىللونىڭ ئوق چىقىرىپ قارا تەنلىك رۇسسېل بىلەن ۋىليامىس ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلار يېتەرسىز بولغانلىقتىن، بۇرىللونى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلدۇق دەپ جاكارلىدى.
كېۋېلاند شەھىرىدە ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما «ئادالەت بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، نامايىش قىلدى. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ زورلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىپ قارا تەنلىكلەرنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇ سەۋەبلىك كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈلدى ۋە جەمئىيەت قالايمىقان بولۇپ كەتتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved