ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 24-فېۋرال: مەن ئامېرىكا پارلامېنتى يېقىندا ماقۇللىغان ئامېرىكا-كانادا ئارىسىدا «ئەگمە مەركىزى تېشى»ناملىق XL نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇشنى تەستىقلاش قانۇن لايىھەسىنى ئىنكار قىلدىم دېدى.
بۇ بۇ يىل يانۋاردا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنى تامامەن كونترول قىلغاندىن كېيىن ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىم ئىنكار قىلىش قارار چىقىرىشى شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىدە ئۈچىنچى قېتىم ئىنكار قىلىش قارارى چىقىرىشى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بونا بىلەن كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى مىككوننېل شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن كانادا ئارىسىدا نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش تۈرىگە تۈرتكە بولۇشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادا تۇرۇبا شىركىتى 2010-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى دېھقانچىلىق رايونىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان «ئەگمە مەركىزى تېشى» ناملىق نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى ياتقۇزغان. بۇ تۇرۇبا ئارقىلىق ھەر كۈنى كانادادىن ئامېرىكىغا نېفىت يەتكۈزۈلەتتى. بۇ شىركەت كېيىنچە بۇ تۇرۇبىنى كانادانىڭ ئايبوتا ئۆلكىسىدىن شەرقىي جەنۇبقا ئۇزارتىپ ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىغا ئۇزارتىشنى پىلانلىدى. بۇ تۈرگە «ئەگمە مەركىزى تېشى» XL نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى دەپ نام بېرىلگەن. بۇ تۈر كانادا بىلەن ئامېرىكىنىڭ چېگراسىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇلۇش باشلىناتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved