بۈگۈن ئەتگەندە پاي بازىرى ئېچىلغاندا، شاڭخەي ۋە شىنجىدىكى ئىككى پاي بازىرىدا كىچىك دائىرلىك چۈشۈش كۆرۈلدى، كېيىن يەنە كۈچلۈك قاڭقىپ ئەسلى ئورنىغا قايتىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى، ئاكسىيە پايلىرى، ئۇقۇم پايلىرى ھەر ئىككى پاي بازىرىدا جانلىنىپ پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرۈتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن پاي كۆرسەتكۈچى بىر مەھەل زەپەر مارشى ياڭرىتىپ شىددەت بىلەن ئۆستى، ئۆسۈش چاستۇتىسى %2 تىن ئېشىپ كەتتى، 2700 نۇقتىمۇ قايتۇرۋېلىندى.
چۈشتە بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى 2708.83 نۇقتىغا چىقىپ، 53.17 نۇقتا ئۆسۈپ، ئۆسۈش چاستۇتىسى %2 بولدى؛ شىنجىن پاي كۆرسەتكۈچى 9288.36 نۇقتىغا چىقىپ، ئەتىگەندىن بىرى 205.77 نۇقتا ئۆستى، ئۆسۈش چاستۇتىسى %2.27 كە يەتتى؛ يېڭىلىق يارىتىش تىپتىكى پاي كۆرسەتكۈچى 1964 نۇقتىغا چىقىپ، ئەتىگەندىن بىرى 57.54 نۇقتا ئۆستى، ئۆسۈش چاستۇتىسى %3.02 كە يەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved