يوشۇرۇنغان گۈللەرگە يېزىلغان رىسالە

مەن بۇ ئارقىلىق ئىسلامنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقوقى ھەققىدە شەخىس ۋە جەمئىيەتتىن تەلەپ قىلىدىغانلىرىنى تەكىتلىمەكچىمەن.

 


1.سىز گۆھەرنى كۆرگەنمۇ؟ كىشىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاددى بىر پارچە تاشنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ (ئەتىۋارلايدۇ)؟ چۈنكى ئۇنى كۆرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا چىقارماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشاش، قىز- ئاياللارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداش يۈزىسىدىن ، ئەركىشىنىڭ ئۇنىڭغا قارىشى ۋە ئۇنىڭغا چىقىلىشى چەكلەنگەن. ئاياللار كىشى تۇتۇپ باقمىغان گۆھەرگە ئوخشاش ( پاك).

 

 

2.مەلۇم دۆلەت ياكى شاھلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمرانىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇن مەرتىۋىگە ئېرىشمەي، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشكە ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇشقا ئېرىشەلەمدۇ؟ خۇددى شۇنىڭدەك، ئاياللار يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئايال شاھلارغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ خانسىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش پەقەت شۇنداق ھوقۇق بېرىلگەن كىشىگىلا مەنسۇپ بولۇپ خالىغان كىشى بۇ خىل ئىمتىيازغا ئېرىشەلمەيدۇ.


3. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللاھ ئەرلەرنىڭ مەيلى سىرتقى مۇھىتنىڭ قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئائىلە تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن تەن قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قىلىپ ياراتقان. بۇ ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرىنى ياخشى بېقىشى ئۈچۈندۇر. ئاياللار يۇمشاق، مۇلايىم ۋە ھىسسياتقا باي قىلىپ يارىتىلغان، ئۇ كېيىنكى ئەۋلاتلارنى ياخشى تەربىلىيەلەيدۇ. شۇڭا ئەرلەر سىرتقى مۇھىتىتكى ئامىللار بىلەن ئىشلىسە، ئاياللار بالىلارنى تەربىيلەش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

 

 

4.ئەرلەرگە ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىش ھەققى ئېلىش ھوقوقى بار.

 


5.ئاياللار ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى نازۇكلىقىغا ماس ھالدا، ئىقتىدارىغا يارىشا خىزمەتلەرنى قىلسا بولىدۇ.

 


6.ئاياللار قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا ساۋاپ ۋە ياكى جازاغا ئېرىشىش جەھەتتە ئەرلەر بىلەن باراۋەردۇر.

 


7.ئاياللار تۇغۇت ۋە ھەيىز مەزگىلىدە بەزى دىنى ئەھكاملارغا ئۆزرىسى بار، چۈنكى بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، ئۇلار ئارام ئېلىشقا، كۆڭۈل ئازادىلىككە مۇھتاج.

 


8.ئەگەر بىر ئايال تۇغۇت جەريانىدا ۋاپات بولسا، ئۇ جەننەتتە يۇقىرى مەرتىۋە بىلەن مۇكاپاتلىندۇ.

 


9.ئاپىسىنى، ئايالىنى، قىزى ۋە ئاچا- سىڭىللىرىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولسا ئۇ جەننەتتە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ.

 


10.ئەگەر ئېرى ئايالىنىڭ نىكاھتىن ھاسىل بولغان ھوقوقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىسا، ئايالىنىڭ ئېرىدىن ئايرىلىپ تۇرۇشىغا يول قويۇلغان.

 


11.ئىنساننىڭ ھاياتىدىنمۇ قىممەتلىك بولغىنى نېمە؟ ئەلۋەتتە ئاياللارنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتى مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىنمۇ قىممەتلىك ۋە مۇھىمدۇر.

 


12.ئەگەر ئايال كىشى تۇل قالسا ۋە ياكى ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئۆزى خالىغان ئەركىشى بىلەن قايتا توي قىلىش ھوقوقى بار.

 


13.ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ مال- مۈلكى بولسا، ئۇنى ھەرقانداق بىرسىنىڭ رۇخسىتىسىز (مەيلى ئۇ دادىسى، ئېرى ۋە ياكى باشقا بىرسى بولۇشىدىن) قەتئينەزەر ھالال يولغا سەرىپ قىلىش جەھەتتە ئەركىنلىكى بار.

 


14.ئايال كىشىنىڭ ئەر تۇققانلىرى مەيلى ئۇنىڭغا مىراس بېرىشنى خالىمغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىر تۇققان قېرىنداشلىرىنىڭ مىراسخورى بولۇش ھوقوقى بار.


15.ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداش ،ئاپىسى، ئايالى ۋە قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەرنىڭ مەسئۇلىيتى.(گەرچە ئۇ خالىمىسمۇ)


16.ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە مۇلايىملىقىدىن بالىغا نىسبەتەن ياخشى مۇئامىلە قىلىنىشقا تىگىشلىك ئادەم دەپ دادىدىن بۇرۇن 3قېتىم ئىمتىياز بېرىلگەن.

 


17.جەننەتنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ئۈچۈن، ئانىنى رازى قىلسا جەننەت ئانىنىڭ ئاياغ ئاستىدا.

 


18.قىزلىرى بارلار قىزلىرىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولسا، قىزلىرى ئۇلارنى دوزاق ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن ئامان قىلىدۇ.

 


19.ئەگەر بىر ئەر كىشى بىر ئايالنى مەقسەتلىك ئۆلتۈرسە، ئۇ ئۆلتۈرۈلۈپ ياشاشتىن مەھرۇم قىلىندۇ، ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇنىڭ ئايالى بولسىمۇ.

 


20.ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارنى كۆزدە تۇتۇپ:

ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار. دېگەن.

ئۇ يەنە: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ياخشىلىرىڭلار ئايالىغان ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلاردۇر. يەنە: پەقەت ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ئەرلەرلا ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدۇ، پەقەت رەزىل، نۇمۇسسىز، زەھەرخەندە ۋە زەئىپلەشكەن ئەرلەرلا ئاياللارنى خورلايدۇ دېگەن. يۇقارقىلار بىلەن مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى: بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەرەپ بارمۇ؟

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
22-03-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئىسلام ۋە ئاياللار
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىقتىكى سىتۇدېنت قىز ۋاڭ شەن خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تارقاتقان 2015 - يىللىق «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چولپىنى» شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئ...
30-04-2016
     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى غۇجائەھمەد، پاتىگۈل غۇجىئابلا خەۋىرى، فوتوسى: چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ «تەنھەرىكەت، ساغلاملىق _ مېنىڭ خۇشاللىقىم» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يەسلى بالىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 28-ئاپرېل ...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك 1-قوش تىللىق بالىلار يەسىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى»نى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىملەرنى سىزىپ، كۆرگەزمە تەشكى...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى سىچۈەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي تور ئالاقە تورىدا مەكتەپنىڭ بىر يۈرۈش سۈرىتنى چىقارغان، سۈرەتتە ئايلانما ئىشىك، چوڭ ياي شەكلىدا سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان كوچا، بوئىن ئايروپىلانى قاتارلىق ...
29-04-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلدىن باشلاپ مەجبۇرىي مائارىپتىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ئەخلاق ۋە تۇرمۇش»، «ئىدىيىۋى ئەخلاق» قاتارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئىسمىنى ...
29-04-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى لۇغەتلەرنى تەكشۈرۈش-بېكىتىش مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى 29-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ...
29-04-2016
    كىشىلەر دائىم تەبئىي تالانتلىق كىشىلەر بىلەن ساراڭلارنى ئانچە چوڭ پەرقى يوق دەپ قارىشىدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيانقى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىنىڭ پەرقى تېخىمۇ كىچىككەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگ...
28-04-2016
     «كىچىك 211» ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتې...
28-04-2016
      4-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلى...
28-04-2016
    4-ئاينىڭ 25-كۈنى 18 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يۈشۈەن ئۆزىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ۋاڭ يۈشۈەننىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى مەرھابا يولىدا بولۇپ، ھازىر ئۇ ئۈرۈمچى جوڭجى خەلقئارا مەكتىپىدە ...
Powered by Leglek