‹چۇڭچىڭ سەھەرگېزىتى› نىڭ خەۋىردىن قارىغاندا.
تۈنۈگۈن چۈشتە چۇڭچىڭدا 20 نەپەر ئەر 3000 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ، 50.8 مىتى ئۇزۇنلۇقتىكى قارا ئەبنوس دەرىخى ياغىچىنى ماشىنىلار ئارىسىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ كوچىدىن ئۆتكەنلىكى نۇرغۇنلىغان خەلىق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
نەق مەيداننى نۇرغۇن كىشى ئورىۋالدى. يولدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىقتا ‹بۇ ئەبنوس دەرىخى ياغىچى بەكلا تۈز ئىكەن ھە› دېيىشتى ،ئۈچ توننا ئېغىرلىقتىكى بىر ياغاچنى يىگرمە ئەر كىشىنىڭ كۆتۈرۈپ ماڭالىغانلىقى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ ئەبنوس دەرىخى ياغىچى سۇ ئۈستىگە يىقىلىپ كەتكەن بۇلۇپ ، ياغاچ كۆتۈرگىچىلەر بۇ ياغاچنى كۆتۈرۈپ سۇ ئىچىدىن ئالغان ۋە يۆتكەپ ماڭغان.
يىگىرمە كىشى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن باشلاپ كۆتۈرۈشنى باشلىغان بۇلۇپ ، چۈشتى كېيىن سائەت بىردە ئاران كۆزلىگەن مەقسەتكە يۆتكەپ ئاپارغان.
بۇ ئىشنىڭ ھەيران قالىدىغان قىززىق نۇقتىسى ياغاچ ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچ توننا بۇلىشى ئەمەس ، بەلكى كىشلەرنىڭ بەكلا ئۇزاق ۋاقىتتا ئاران ئەبنوس دەرىخى ياغىچىنى كۆرەلەيدىغانلىقى ئىكەن.
بۇ ئەبنوس دەرىخگە تەخمىنەن 2000يىل بولغان ئىكەن. بۇ دەرەخ پات ئارىدا كۆرگەزمىگە قۇيىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved