چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- يانۋار يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىدە ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇم نىشانى يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىكەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە بۇ ۋەقەدە بىر مۇھاپىزەتچى قازا قىلغان، سەككىز مۇھاپىزەتچى يارىلانغان، ئۈچ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئامان قالغان.
مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى ئەدەن پورتىدا شىددەتلىك قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ 9 ئادىمى بار ئىكەن. ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى رادىكال ئۇنسۇرلار پەيدا قىلغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەدەن شەھەرلىك بىخەتەرلىك كومىتېتى كېچىدە يۈرۈشنى چەكلەشنى قارار قىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved