چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئالاھىدە قىسىمى ئىراققا ئورۇنلىشىپ بولغان، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام خەلپىلىكى»گە زەربە بېرىشكە ياردەم بېرىشكە تەييارلىنىۋېتىپتۇ.
كارتېرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەنىڭ رەققا ۋە ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى مۇھىم بازىسى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ 2016-يىلدىكى نۇقتىلىق زەربە نىشانى ئىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەزاسى تەخمىنەن 200 ئادەم بولۇپ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا بولغان ھەربىي بېسىمنى كېڭەيتكەنلىكىدىن، بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ خەتەرگە يۈزلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved