دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ،گېرمانىيە زۇڭلىسى موكېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ھەمدە جۇڭگو گېرمانىيە ئىستىراتېگىيە ھەمكارلىقىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
جۇڭشىن تورى مۇخبىرى جاڭنىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى. جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 28-چىسىلا گېرمانىيە زۇڭلىسى موكېر بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، چوڭقۇر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى. ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ جۇڭگو گىرمانىيە ئىستىراتېگىيە ھەمكارلىقىنى قارار قىلدى. ئىككى دۆلەت دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ نىشانى بېكىتىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە يىل جۇڭگو گىرمانىيە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم پەيىت، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئارتۇچىلىقىنى جارى قىلدۇردىغان مۇھىم پەيىت.جۇڭگو بىلەن گىرمانىيە پەقەت سوداىدىكى ھەمكار بۇلۇپ قالماستىن يەنە، سىياسىي ئىستىراتېگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلارغا ئايلاندى،بىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئىستىراتېگىيە مۇناسىۋېتىنى رەسمىي ھالدا باشلاشنى قارار قىلدۇق، بىز ئورتاق ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، يېڭىچە بىر روھ ۋە كەيپىيات يارىتىمىز.
شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا مۇنداق نەچچە تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
1. سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچىلىك دوستلاردىن بۇلۇشقا تامامەن بولىدۇ،يۇقىرى قاتلامدىكىلەر داۋاملىق ئالاقە باغلايدۇ، چوڭ مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ، ۋە شۇنىڭدەك ئىستىراتېگىيە مۇناسىۋېتىنى كۈچەيتىدۇ،ئىستىراتېگىيە سۆھبىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت، پارتىيە، يىغىن، بىلىم ئامبىرى، ئەلچىخانا، بىخەتەرلىك، قانۇن ئىجرا قىلىش، تېرورلۇق، قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ،نورمال، تەڭپۇڭ بولغان، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ ، كىشىلىك ھوقۇقنى قانات يايدۇرىدۇ.
2.ئىقتىسېادىي ھەمكارلىقتا ، ئەمەلىيەت چىقىش قىلىندۇ، ئىككى دۆلەت چوڭقۇر ئىستىراتېگىيە ھەمكارلىقى پۇرسىتى ۋە شارائىتى پىشىپ يېتىلدى، قوش يۆنىلىشلىك سودا ھەمكارلىقى زور كۆلەمدە قانات يايدۇرىلدۇ، ئىستىراتېگىيلىك مۇھىم تۈرلەر مەيدانغا كېلىدۇ، بىرلەشمە تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش، كەسپى ئالماشتۇرۇش ، بىلىم ئالماشتۇرۇش، ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش،دېڭىز ۋە چىگرا مەسىلىلىرىدە ئورتاقلىشىشى چىڭ تۇتىلدۇ.جۇڭگو يىپەك يولى مەدەنىيتى ئارقىلىق ئىككى تەرەپ سودا ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
3.ئىقتىساسلىقلارنى ئالماشتۇرش كۈچەيتىلىپ، ئىككى دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە، جۇڭگو ئىقتىساس ئىگىللىرىنى ۋە مەدەنىيەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدۇ، مائارىپ ، ساياھەت،يەرلىك ھەمكارلىق، خەلق ئارىسىدىكى ئالاقە ، بۇلۇپمۇ ياشلارنىڭ ئالاقىسى،قاتارلىقلار ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋېتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.
4.خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش ھالىتى ساقلاپ قېلىندۇ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ھەمكارلىقىنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، يەرشارى خارەكتىرلىك مەسىلىلەردە ئورتاقلىشىش كېرەك.
5.ئومۇمىي يۈزلۈك ئىستىراتېگىيە ھەمكارلىقى مۇناسىۋېتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ،سودا ھەمكارلىقى كۈچەيتىلدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئايرىم -ئايرىم ھالدا‹جۇڭگو گېرمانىيە ئىستىراتېگىيە دوستلۇق ھەمكارلىقى ›نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved