يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېلگىيە ئايرودرومى ۋە مېترو بېكىتىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كەم دېگەندە 30 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاشقۇن تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. فىرانسىيە باش مىنىستىرى ۋالسېر 23-مارت ياۋروپا چېگراسىنى تاقاش قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە فىرانسىيە باش مىنىستىرى ۋالسېرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنۇلار دېيىلگەن: ياۋروپا يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ كۆپلىگەن مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپا چېگراسىدىن ئۆتۈشىنى چەكلىشى لازىم. دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا IS (شام ئىسلام دۆلىتى) سۈرىيەدە نۇرغۇنلىغان پاسپورتنى ئوغرىلىغان.
ۋالسېر 22-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ياۋروپا ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇرۇش ھەرىكىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ھۆكۈمەت تەرەپ تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىگە يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللانماقچى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved