ئۆكتەبىرنىڭ 17-كۈنى ئالما شىركىتى iPad Air 2 نى ئامرىكىدا ئېلان قىلغان بولسىمۇ لىكىن دۆلىتمىز ئۈچۈن تەييارلىغان نۇسخىسى ئېلان قىلمىغان ئىدى.نويابرنىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنىپ ئالما شىركىتى جوڭگو تەرەپ تور بېكىتىدە رەسمىي باھاسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقاردى.
iPad Air 2/iPad 6 بۇ ئالما شىركىتى سەپلىمىسى بىلەن سىستېما نەشىرىنى تەڭ كۆتۈرگەن يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە ئۈسكىنىسگە يېڭى A8X ئۆزەك پلاستىنكىسى ۋە M8 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ قاتتىق دېتال جەھەتتىن iPhone غا ئوخشاش ئاق، قارا، ئالتۇن رەڭ(ئىسىلزادە رەڭ)قاتارلىق ئۈچ نۇسخا، يۇمشاق دېتال جەھەتتىن WLAN + Cellular ۋە WLAN دەپ ئىككى نۇسخا بولۇپ چىققان.
ھازىرقى مۇقىم باھاسى سىغىم بويىچە ئايرىلغان بولۇپ 16گىگابيتلىقى 3588 يۈەن، 32 گىگابيتلىقى4288 يۈەن، 128 گىگابيتلىقى4988 يۈەن، قاتتىق دېتال ئۆلچىمى :ئېگىزلىك 240 مىللىمېتىر (9.4 ديۇيم)، كەڭلىكى 169.5مىللىمېتىر (6.6ديۇيم)، قېلىنلىقى 6.1مىللىمېتىر(0.24ديۇيم)، WLANنىڭ ئىغىرلىقى 437 گرام(0.96قاداق (ئېغىرلىق بىرلىكى) WLAN + Cellularنىڭ ئىغىرلىقى 444 گرام(0.98قاداق (ئېغىرلىق بىرلىكى) كىلىدۇ.
Retina ئىكران IPS تېخنىكىسى قوللىنىلغان،ئېنىقلىق دەرىجىسى 264 ppi ،سەككىز مىليۇنلوق Sight سىنغا ئېلىش ئاپاراتى ،چاستۇتا 1080p HD، ھازىرقى ئەڭ مودا Touch ID مۇ قوللىنىلغان.كۆنەكسىمان تور ۋە سىمسىز تور ئېقتىدارىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن،كۆك چىشقا ئەڭ يىڭى 4.0 تېخنىكىسى قوللىنىلغان. WLAN + Cellular ۋە WLAN دەپ ئىككى نۇسخا ئايپەدلەر ئەڭ يېڭى سىستېما نەشىرى 8.0 قاچىلانغان ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved