دېرىزە پەردىلىرى ئەڭ ياخشىسى پاختا رەختتىن بولغىنى ياخشى

نۇرغۇن كىشى ئادەتتە گۈل – نەقىشلىرى كۆركەم، رەڭگى چىرايلىق، پارقىراق خىمىيەلىك سىنتېتىك تالالاردىن توقۇلغان دېرىزە پەردىلىرىنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق دېرىزە پەردىلىرىنىڭ خام ماتېرىيالى ئاساسەن كۆمۈر بىلەن نېفىتتىن كېلىدىغان بولغاچقا، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ناچار، ھاۋا ئۆتكۈزمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇنداق خىمىيەلىك سىنتېتىك تالالاردىن توقۇلغان دېرىزە پەردىلىرىنىڭ تەركىبىدە ئاسان پارچىلىنىدىغان بىر قىسىم خىمىيەلىك ماددىلار بولغاچقا، سالامەتلىككە زىيانلىق گازلارنى قويۇپ بېرىدۇ.

 

دېرىزە پەردىلىرىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولمىغاچقا، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىغا مەلۇم توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە باكتېرىيەلەر كۆپىيىپ، بىر قىسىم نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت يارىتىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، دېرىزە پەردىلىرىنى تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى، سالامەتلىككە زىيانلىق تەركىبلىرى بولمىغان تەبىئىي پاختا رەختتىن ئىشلەنگەن دېرىزە پەردىلىرىنى تاللىغان ياخشى.

 

ئەگەر كۆركەم ھەم چىرايلىق خىمىيەلىك سىنتېتىك تالالاردىن توقۇلغان دېرىزە پەردىلىرىنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا، ئامال بار ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولغان ئورۇنلارغا ئىشلىتىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
07-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek