ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ياپونىيەدىكى بىر بانكا تىجارەت زالىدا خېرىدارنى كۈتۈۋالىدىغان ماشىنا ئادەم كىرگۈزىدىكەن. بۇ بانكا 2015-يىلى باھار پەسلىنىڭ ئالدى كەينىدە توكيو ئىچىدىكى تىجاراەت زاللىرىدا سىناق قىلىپ بېقىشنى پىلان قىلغان. ھەم مۇشۇ ئارقىلىق بۇ خىل ماشىنا ئادەمنى ھەقىقى تۈردە كىرگۈزۈش ياكى كىرگۈزمەسلىكنى ئويلىشىدىكەن. بۇ بانكا بۇ خىل ئىلغار تېخنىكىنىڭ تىجارەت زالى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئېگىلىنىشچە كىرگۈزۈش پىلانلانغىنى بولسا فىرانسىيە Aldebaran شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان « NAO» ناملىق ماشىنا ئادەم ئىكەن.
بۇ خىل ماشىنا ئادەمنىڭ ئېگىزلىكى 58 سانتىمىتىر، ئېغىرلىقى 5.4 كىلوگرام كېلىدىكەن. چىراي قىسمى ۋە سۈرەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە 19 خىل دۆلەت تىلى ئارقىلىق پاراڭلىشالايدىكەن.
بانكا بۇ خىل ماشىنا ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار قۇشۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. مەسىلەن خېرىدار بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق كەسىپنى تۇنۇشتۇرۇش جەريانىنىڭ راۋان بولۇشى ۋە ئانالىز قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئالدامچىلىقنبڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار.
2020-يىلى توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بەلكىم ياپونىيەگە ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق 19 خىل تىل ئارقىلىق پىكىرلىشىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش ياكى قوزغاتماسلىق توغرىسدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان . بۇ بانكا «NAO» نى ئىشلىتىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ تىل قۇشڭشنى ئويلىشىدىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved