يېڭى 6 iphome بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئاندىرويت سېستىمىسىدىكى تېلېفونلارنىڭ بازىرىغا بولغان زەربىسى ئاز ئەمەس .ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتلىشىچە android سۇپىسى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون بازىرى 2013 – يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈلمەي چۈشۈپ كەتتى .
مۇشۇ چارشەنبە كۈنى kantar نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئۆتكەن يىلى 11- ئايغا قەدەر ئالدىنقى ئۈچ ئايدا پۈتۈن ئامېرىكىدا android تېلېفونىنىڭ سېتىلىش سانى %2 چۈشكەن .
ئويلىشىش ئارقىلىق 9 ئاينىڭ 19 – كۈنى 6 iphone ئېلان قىلىغان ، بۇ دەل سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتلىگەن يېڭى تېلېفون بازارغا چىققاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي . سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە : كىشىنىڭ دېقىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى 6 iphone بولسا ئالما شىركىتى 2012 – يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان باشقا ئەۋلاد تېلېفون بىلەن بولغان ۋاقىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان تېلېفون .
بۇ قېتىم ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ئالما تېلېفونىغا بولغان ئىستېمال قىزغىنلىقى ۋە بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى . بۇ ھەم ئۆتكەن يىلى تۆتىنچى پەسىلدە ئالمىنىڭ سېتىلىشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سان ھاسىل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
مۇشۇنداق مەھسۇلات ئارقا كۆرىنىشى بار تۇرسا ، android تېلېفوننىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولماقچى . لېكىن سانلىق مەلۇماتلار ئانچە ياخشى ئەمەس ، ئادەتتە android نىڭ ئەنئەنىۋى ئەندىزىسى بازارنىڭ ئاساسلىق ئورۇنىدا تۇرىدۇ دەپ قارىلىدۇ .سانى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ ، شۇڭلاشقا ھەر قانداق ۋاقىتتا سېتىش سوممىسى تۆۋەنلىسە ئاسانلا بايقىلىپ قالىدۇ .
بۇ ۋاقىتتا ئەڭ بېشى ئاغرىيدىغنى بولسا ئالمىنىڭ رەقىبى سامسۇڭ . سامسۇڭ ئۇزاقتىن بىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تېلېفونلار بازىرىدا ئالما بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ . لېكىن يېقىنقى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس . ھەتتا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ئالما مەھسۇلاتى بىلەن تەڭ بولالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى .
![]() |
Spendwalle تەتقىقات قوشۇنى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ھەميانغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان MFE ماگنىت مەيدانى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى.
Spendwallet نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەنئەنىۋىي NFC تېخن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved