قىشتا چاي ئىچكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

   

    قىش كىرىشى بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەر چاي ئىچىشكە باشلايدۇ، بىر ئىستاكان ئىسسىق چاي بەدەننى ئىللىتىپلا قالماستىن يەنە سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق. چايلار پىششىقلاپ ئىشلەش  ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ  يېشىل چاي، پەمىل چاي، يېشىل چاي، قارا چاي،  ئاق چاي ۋە سېرىق چاي ئالتە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان چاينىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. قىش پەسلىدە چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار، نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  يېشىل چاي ئىسسىقنى قايتۇرۇپ  راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئاشقازىنىنى سوغۇق  ئېلىپ كەتكەن كىشىلەر كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك

  ئىگىلىنىشىچە،  يېشىل چاينىڭ  تەركىبىدە كاتېخىن قاتارلىق پولىفېنول تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بار بولۇپ، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. يۈرەك قان تومۇرنى ياخشىلايدىكەن، بەدەننى ئورۇنقلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا  يېشىل چاي  ۋىتامىن تۈرلىرى ئەڭ كۆپ، چاي تۈرى بولغانلىقتىن باشقا چاي تۈرلىرى بىلەن  سېلىشتۇرغاندا،  يېشىل چاينىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى  ئىكەن. يېشىل چاي سۈت بېزى، مەزى بېزى، ئۆپكە،  ئېغىز بوشلۇقى،  دوۋساق،  بوغماق ئۈچەي،  ئاشقازان،  ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق  جايلاردا ئۆسمە پەيدا بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  پەمىل چاي ئاشقازاننى ئاسراپ يۈرەكنى قوغدايدۇ ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىچىشىگە تېخىمۇ باب كېلىدۇ

  «پەمىل چاي ئاشقازاننى ئاسراپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ.

  كەسپىي خادىملارنىڭ دېيىشىچە ، چاي سېرىق پىگمېنتى پەمىل چاي ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارلىق تەركىب ئىكەن.  چاي سېرىق پىگمېنتى ئوكسىدلىنىشقا ۋە  راكقا قارشى تۇرىدىكەن، ئاستا خاراكتېرلىك ياللىغۇلىنىش ۋە سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. كۆپلىگەن مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پەمىل چاي قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەن.  پەمىل چاي ئىچكەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى قىزىل قان تومۇردىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلى ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلىنىڭ مىقدارى تەڭشىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ  تۆۋەنلەيدىكەن.

  قارا چاي سوغۇققا تاقابىل تۇرۇپ ماينى سېرىيدۇ تەن ساپاسى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ

  ھاۋا سوۋۇغاندا  نۇرغۇن كىيىم كىيسىڭىزمۇ پۇت قوللىرىڭىز مۇزلاپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك ؟  قىش پەسلىدە سوغۇققا قارشى تۇرۇشتا  چاي ئېچىش ياخشى چارە. لېكىن قايسى خىل چاي ئىچىش كېرەك؟  كەسپىي زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە ئىككىلەمچى ئېچىتىلگەن قارا چاينى ئىچكەندە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەسىرىدە، بىر قاتار مۇرەككەپ خىمىيىۋى رېئاكسىيە يۈز بېرىپ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق فۇنكسىيىلىك تەركىب پەيدا بولىدىكەن، بولۇپمۇ سوغۇققا قارشى تۇرۇشقا پايدىسى بار ئىكەن. تەن ساپاسى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە بەكمۇ ماس كېلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
27-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek