بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ماشىنا ئادەم تىلغا ئېلىنسا ئۇلار ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەم ئەقىللىق ،ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ دەپ قارايدۇ .لېكىن ماشىنا ئادەم ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتىنى بىلەلەيدۇ دېسە ئىشىنەمسىز ؟
ياپونىيىدىكى بىر تېلگىرىراف ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ماشىنا ئادەم پېتىرنى بازارغا سالدى .ئۇ گەپ قىلغان چاغدىكى چىراي ئىپادىڭىز ۋە ئاۋازىڭىزغا ئاساسەن سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزغا ھۆكۈم قىلالايدۇ . ئاغزى ئىتتىك ماشىنا ئادەم پېتىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ،ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدىلا خوجايىنىڭ خىيالىنى ئاشكارىلىۋەتتى .
5-ئايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىركەتنىڭ لىدىرى تېپپىر بۇ ماشىنا ئادەم بىلەن سۆزلىشىپ ئوسال ئەھۋالدا قالدى .؟لىدىر سىز بەك خوشالغۇ ؟ئىچىڭىزدە شۇنداق خوشال بولغان تۇرۇپ كۆزىڭىز كۈلمەپتۇ ›مانا ماشىنا ئادەمنىڭ شۇ چاغدىكى دىئالوگىنىڭ بىر قىسمى .
تېپپىر پاي قوشقان فرانسىيە ماشىنا ئادەم تەتقىقات شىركىتى ياسىغان ،ئېگىزلىكى بىر مېىتر 20 سانتىمېتىر ،ئۇنى تۇلۇق زەرەتلىسە ئۇدا 12 سائەت خىزمەت قىلالايدۇ .ئۇ يەنە ماڭالايدۇ ،ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ ،ناخشا ئېيتالايدۇ ، بەدىنىگە 25 سېنزور ئورنىتىلغان بۇلۇپ ماڭغاندا باشقىلارغا سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ ، مۇھىمى بۇ ماشىنا ئادەم ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى چىراي ئىپادىسى ئاۋازى قاتارلىقلارنى ناھايىتى تېز پەرقلەندۈرۈپ قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي كەيپىياتىغا توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ .
تۇنۇشتۇرلىشىچە ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىشتىكى توغرۇلۇق نىسبىتى 70%تىن 80 كىچە بۇلۇپ ،ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىنسانلار بىلەن ئالاقىلىشالايدىكەن .6-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ ماشىنا ئادەم توكيودىكى يۇمشاق دىئال تىجارەت زالىدا ئىشقا چۈشۈپ كۈتكۈچى بولغان .
تېلگراف شىركىتى يەنە بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ ،ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇپ بالىلارغا قاراش چوڭلارغا ھەمراھ بۇلۇش جىددىي قۇتقۇزۇش داۋالاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشىنى ئۈمىت قىلدى . مۆلچەرلىنىشىچە بۇ ماشىنا ئادەم كېلەر يىلى 2-ئايدا بازارغا سېلىنىدىكەن ،باھاسى 1مىليون 980 مىڭ ياپونىيە يىنى يەنى خەلق پۇلىدا 12 مىڭ يۈەن بولىدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ .ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved