ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى نەپسى زادى قانچىلىك يوغىنىدى؟

بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، ۋېيتنام ئېلىمىزنىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرىدىكى جوڭجيەن ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ نورمال دېڭىز ئۈستى مەشغۇلاتىغا داۋاملىق كاشىلا تۇغدۇردى، ۋېيتنامنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە دېڭىز سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتى-ئامېرىكا، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گۇپپاڭچىلىقى ۋە مەدەت بېرىشىگە ئېرىشتى شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋېيتنام ئۆزىچە پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، تاراتقۇلارغا ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «شىشا تالاش-تارتىشى»نى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، توغرىدەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خاتا بولغان ئاتالمىش بىر قاتار تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساسلارنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

 


ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مارجان خادا تاشلىرى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بايلىققا بولغان نەپسى زادى قانچىلىك يوغىنىدى؟ ۋېيتنام ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساستا يەنە قانداق ئىلگىرى-كېيىنلىك زىددىيەت ھەم قاراشلار بار؟ ئەمەلىيەتتە، ئالدى-كەينىدىكى زىددىيەت باھانىسىدا يەنىلا قاراش جەھەتتىن بەلگىلىك يوچۇق بار. بىز پەقەت ۋېيتنامنىڭ بىر-بىرىگە زىت قاراشلىرىنى توغرىلاپ باقساقلا كۇپايە.

 


خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت ۋېيتنامنىڭ دېڭىزدىكى بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىۋالغان ئوبرازىنىلا كۆرمەكتە، لېكىن ۋېيتنامغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەرگىمۇ بەلكىم ۋېيتنامنىڭ ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مارجان خادا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەرىپى ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن؛ ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بايلىقىغا بولغان قارا نىيىتى تولۇپ تاشقان، ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا 215 بۆلەك نېفىت-گاز رايونىنى ئايرىۋېلىش قىلمىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋېيتنام جەنۇبىي دېڭىزنى ۋېيتنام دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشقا ھەدەپ ئۇرۇنماقتا.


شىشا تاقىم ئاراللىرى مىلادى 10-ئەسىردىلا جۇڭگونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرگەن. جۇڭگو نامرات، ئاجىز بولغان ھەم ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئۇچرىغان 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى فىرانسىيە مۇستەملىكە دائىرىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى بىر قىسىم مارجان خادا تاشلىرىنى قانۇنسىز بېسىۋېلىش قىلمىشى ھەققىدە قاتتىق سۆزلەشكەن ھەم ئېتىراز بىلدۈرگەن.

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 1958-يىلى 4-سېنتەبىر دېڭىز تەۋەلىكى باياناتىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كەڭلىكىنى 12 دېڭىز مىلى دەپ جاكارلىغان ھەم بۇ بەلگىلىمە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق زېمىنىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، جۈملىدىن دوڭشا تاقىم ئاراللىرى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جوڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە باشقا جۇڭگوغا تەۋە ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا، ۋېيتنام زۇڭلىسى فام ۋاندوڭ 1958-يىلى 14-سېنتەبىر جۇڭگونىڭ زۇڭلىسى جۇ ئېنلەيگە نوتا تاپشۇرۇپ، ۋېيتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 1958-يىلى 4-سېنتەبىردىكى دېڭىز تەۋەلىك قارارى ھەققىدىكى باياناتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەم قۇۋۋەتلەيدۇ، ۋېيتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بۇ قارارغا ھۆرمەت قىلىدۇ دېگەن.


خەلقئارا قانۇندىكى «قارشى سۆزلەرنى چەكلەش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ مەيدانىنى ئاغدۇرۇۋېتىشىگە بولمايدۇ. ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ فام ۋاندوڭ تاپشۇرغان نوتىنى خەلقئارا قانۇن مەنىسىدە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىك.


ئاتالمىش شىشا تالاش-تارتىشىنى پۈتۈنلەي ۋېيتنام ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ ئويدۇرۇپ چىقارغان. ۋېيتنام ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان جۇڭگو 1974-يىلى قورال كۈچى بىلەن شىشا تاقىم ئاراللىرىنى ئىگىلىۋالغان، بۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى بولۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى» ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ تۈپ پىرىنسىپىغا خىلاپ دەپ كۆپ قېتىم جۇڭگوغا قارا چاپلىدى. لېكىن، 1974-يىلى جۇڭگونىڭ شىشادىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشى ئانچە يىراق بولمىغان تارىخ، مەيلى دىپلوماتىيە ھۆججەتلىرىدە بولسۇن، مەيلى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە بولسۇن، بۇ جەھەتتە ئاسانلىقچە ئادىشىش يۈز بەرمەيدۇ، بۇ جەھەتتە كىمنىڭ ئوغرى ئوغرىنى تۇتۇپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتمەك تەس ئەمەس. بۈگۈنكى خەلقئارا قانۇندا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنسىز قورال كۈچى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن، بىراق، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن، قورال كۈچى ئىشلىتىشى-«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»دە بېرىلگەن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى. ۋېيتنام دائىرىلىرى ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرىنى قانۇنسىز بېسىۋالغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئارقىدىن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى قانۇنلۇق ئادا قىلغان. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىگە تارىخ بۇرۇنلا جاۋاب بېرىپ بولغان. ۋېيتنام ھۆكۈمىتى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى جەھەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەردە باشقىچە تۇتۇرۇقسىز ئويۇن ئويناپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلماقتا.


شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋېيتنام ئىلگىرى نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلغان. ئەمما ۋېيتنام ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى 29 مارجان خادا تېشىنى ئارقا-ئارقىدىن قوراللىق ئىگىلىۋالدى. ۋېيتنام بۇ ئىش ھەققىدە جۇڭگو ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە تېگىشلىك جاۋاب بېرىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
15-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek