‹‹ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر دىن ئەسەبىيلىرى بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدۇ››

ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىدىن خاتىرىلەر

 


مېھرىگۈل غۇپۇر

 


‹‹ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىنچلىقپەر بولۇشنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالىدۇ، تىنچلىقنى مۇراجىئەت قىلىدۇ . مېنىڭچە تىنچلىقنى چۈشەنمەيدىغانلار، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغانلار ، تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار ئىسلامغا ھەقىقىي يېقىنلاشمىغانلار، چۈشەنمەيدىغانلاردۇر ›› دېدى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرەھىم مۇھاكىمە يىغىنىدا .


ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىدا، يېشى 70 قا يېقىنلىشىپ قالغان ئابدۇلېتىپ ئابدۇرەھىم ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹مەن جاپا–مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى ، ئەنسىزلىك قاپلىغان كۈنلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن . جەمئىيەت تىنچ ، مۇقىم بولمىسا ، كىشىلەر خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ، ھەتتا نورمال دىنىي پائالىيەتنىمۇ قىلغىلى بولمايدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ كۈرەش قىلدى. تارىخىي تەرەققىياتقا نەزەر سالساق، تارىختا ھېچبىر خاندانلىق ھەر مىللەت خەلقنى بۈگۈنكىدەك باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىپ، چىن كۆڭلىدىن پۇقرالارنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، كۆپچىلىكنى بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرمىگەن›› .


‹‹بۇ كىچىك بالىمۇ كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان پاكىت، ئەمما دىن ئەسەبىيلىرى كۆزى ئوچۇق كور بولۇۋېلىپ، توختىماي ۋەقە پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، ھەتتا مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىپ، دىنىي زاتلارنى زەخمىلەندۈردى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتىگە خىلاپ››، دېدى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرەھىم غەزەپلىنىپ.


ئابدۇلېتىپ ئابدۇرەھىم مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن، بۇ دىن ھەر بىر مۇسۇلماندىن تېجەشلىك، لاياقەتلىك، پاك بولۇشنى، مېھىر – شەپقەتلىك بولۇشنى، ھاياتلىقنى قەدىرلەشنى، ھەققانىيەتنى ياقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار تىنچلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ. دىن ئەسەبىيلىرى دىن نامىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇرمىلاپ، ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىپ، زوراۋانلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفتىكى تەلىم – تەربىيەگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇققا پىسەنت قىلماي، ئارقا – ئارقىدىن قانلىق ۋەقە تۇغدۇرۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە بارلىق مۇسۇلمان ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى››.


‹‹مېنى بەكمۇ ئېچىندۇرغىنى شۇكى، دىن نامىدىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى تاشقى دۇنيادىكىلەردە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش پەيدا قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئېغىر خىرىسقا دۇچار قىلدى. گەرچە دىن ئەسەبىيلىرى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارغا ئۈزلۈكسىز خىرىس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ ئىسلام دىنى نامىدىن پايدىلانغانلىقىدەك ساختا قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ، بارلىق مۇسۇلمان ئاممىسىنى زوراۋان–تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش مەسئۇلىيىتى بار›› دېدى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرەھىم ۋەزىنلىك قىلىپ .


ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ئىلمىي ۋەز – تەبلىغ قىلىش ئارقىلىق دىنغا ئىشىنىدىغان بارلىق ئاممىنى دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋەز – تەبلىغ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئىلمىي ۋەز – تەبلىغ قىلىش ئارقىلىق دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، كېڭىيىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. ھەم شۇنداقلا پۈتۈن جەمئىيەتكە ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى، مېھىر – شەپقەتلىك، كەڭ قورساقلىق مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇتۇش كېرەك››.



خەتكۈچلەر:
20-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek