رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ كالونى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كەينى كەينىدىن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا بېرىپ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن، قىسمەن يۈك ماشىنىلىرى رۇسىيە تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بولغان.
رۇسىيە 12-ئاۋغۇست ئىنسانپەرۋەرلىك كالونىنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە ئەۋەتتى، لېكىن كالون ئىزچىل رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا چېگراسىدا توختاپ قالدى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرى: رۇسىيەنىڭ كالونىنىڭ چېگراسىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايمىز دېگەن ئىدى. 18-ئاۋغۇست رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ئىشى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved