جاھان ئاگېنتلىقى 27-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەد، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ «ھۆسبەتلىشىش» ھەققىدىكى باياناتىغا ئالاقىدار سۆز قىلىپ، «دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەسىر يەتمەسلىك» شەرتى ئاساسىدا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەسەد، ئامېرىكا CBS تېلىۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئۆز-ئارا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە سۇرىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈلمەسلىك شەرتى بىلەن ماقۇللىقىنى بىلدۈردى.
بەششار ئەسەد، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ، «بىز ئەڭ ئاخىرىدا ئەسەد بىلەن سۆزلىشىشمىز» دىگەن باياناتىغا جاۋابەن، «پرىنسىپ جەھەتتىن سۇرىيەدە ھەر تۈرلۈك سۆھبەتنىڭ ئىجابى بولغانلىقىنى ئېيتالايمىز، بىز ئامېرىكا قاتارلىق ھەممە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلشىشكە تەييار، بۇ سۆھبەتلىشىش ئۆز-ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك» دېدى. ئۇ يەنە، ۋاشىنگتون بىلەن دەمەشىق ئارىسىدا تېخىچە بىۋاستە مۇناسىۋەت يوقلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، 15-مارتتا سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ 4يىللىق كۈنىدە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەت رەھبىرى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
كېررىي، 2012-يىلىدا ئېچىلغان جەنۋە 1 يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، «ھەر ۋاقىت جەنۋە1 خىزمىتى دائىرىسىدە سۆھبەتلىشىش تەرەپدارى بولۇپ كەلدۇق» دېدى. ئۇ يەنە، ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيەدىكى كىرزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يوللار ئىزدەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەدنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك يوللار بىلەن بېسىملارنىڭ كۆپىيىشى كىرەكلىكىنى ئېيتقان».
كېررىي، 5-مارتتا سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە سۇرىيە رەھبىرى ئەسەدنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ قانۇنىيلىقنى يۇقىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە سىياسى مۇساپە ئۈچۈن ھەربىي بېسىمنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. كېررىي شۇنداقتىمۇ، سۇرىيەدىكى بىرىنجى تەھدىتنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدىن بۇيان ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر پوزىتىسيەدە تۇرىۋاتىدۇ. ئەمما ۋاشىنگتون كىرزىس پەقەت سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا بۇنىڭدىن باشقا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە زېمىنلىرىدا ھۆكۈمران بولۇشدىن كېيىن سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۈرەش قىلىش نىشانىدىن ۋاز كەچتى ۋە سۇرىيەدىكى بىرىنجى نىشانى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved