[ت ئا س س، موسكۋا، 3-فېۋرال تېلېگىراممىسى] رۇسىيە دۆلەت دۇماسى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا سالغان زىيانلارنى ئېنقلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مېخائىل دېگتياريوۋ: گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا سالغان زىيانلارنى تېخى تۆلەپ باقمىدى، دېدى.
‹‹يالتا كېلىشمى››گە ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز دۆلىتىدە قېپقالغان گېرمانىيە مۈلۈكلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىپ قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي گېرمانىيە بىلەن تۆلەم تەلەپ قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن غەربىي گېرمانىيە بىلەن بۇنداق كېلىشم تۈمىگەن. دېگتياريوۋ: بۇ، بۇ مەسىلىنىڭ تېخى ھەل قىلىنمىغانلىقى، شۇنداقلا ھەل قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيە رۇسىيەگە قانۇنسىز جازالاش تەدبىرى قوللىنىپ، رۇسىيەگە داۋاملىق زىيان سېلىۋاتىدۇ،دېدى.
رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى: گەرچە گېرمانىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ئورۇنلۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى دۆلەتلەر ئارا شەرتنامە ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ 70 يىلدىن كېيىن بۇ تەلەپنى قويۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دېدى.
[گېرمانىيە ‹‹سۈزۈك ئەينەك›› ھەپتىلىك ژورنىلى تور بېكىتىنىڭ 2-فېۋرال خەۋىرى] گىرېتسىيە مىللىي بانكىسى 1942-يىلى 3-ئىمپېرىيەگە 476 مىليون مارك قارز بەرگەن. گېرمانىيە بۇ قەرزىنى ھازىرغىچە قايتۇرمىغاچقا، ئافېنا بۇ قەرزنى قايتۇرۇۋېلىپ، گېرىتسىيە مالىيەسىدىكى زىياننى تولۇقلاش ئارقىلىق، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved