كۆزىتىش تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنتىنىڭ 11-ئاينىڭ 23- كۈنى ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىي دۆلىتى دەپ تەبىر بېرىدىغان قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى .
بۇ قانۇن لايىھىسىدە ئىسرائىلىيىلىك يەھۇدىي دۆلىتى ئىكەنلىكى قانۇن ئارقىلىق بەلگىلىندىغانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ،ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئىچكى كابنىتتا ئاۋاز بېرىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزى تۈرتكە بولغان بۇ قانۇن لايىھىسىنى چۈشەندۈرۈپ ،ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتى بىز ئىسرائىلىيەدىكى ھەر بىر پۇقرانىڭ باراۋەر بولغان شەخسى ھوقۇققى بارلىقىدا چىڭ تۇرىمىز ،ئەمما پەقەت يەھۇدىيلارلا مىللىي ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ ،بۇلار دۆلەت بايرىقى دۆلەت ناخشىسى ھوقۇقى ۋە ھەر بىر يەھۇدىينىڭ ئىسرائىلىيىلىك ھەر قانداق جايىغا كۆچۈش ھوقۇقى ھەمدە باشقا مىللىي ئالاھىدىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،قانۇن لايىھىسىدە يەنە ھازىرقى ئىبراي تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئوخشاشلا ئىسرائىلىيىلىك ھۆكۈمەت تىلى بولۇشتەك ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغا بۇلۇپ ،ئىبراي تىلىنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دۆلەت تىلى قىلىش ،ئەرەب تىلىنىڭ پەقەت ئالاھىدە ئورنىلا بۇلۇش ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان .
ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ باياناتتا يەنە ئىسرائىلىيىلىك يەھۇدىي دۆلىتى بۇلۇش خاسلىقى ۋە ئىسرائىلىيىلىك دېموكراتىك دۆلەت بۇلۇش خاسلىقنىڭ ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى .بۇ قانۇن لايىھىسى 26-نويابىر ئىسرائىلىيە پارلامېنتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved