شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 1-ئاپرېلدىكى قاتتىق قاردا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا 146 نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتى. بىراق قار ۋاقتىدا تازىلانغانلىقتىن، شۇ كۈنى سائەت 12 دىن كېيىن ئايروپىلانلار نورمال ئۇچۇپ ۋە قونۇپ، نۇرغۇن يولۇچى تۇرۇپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۈنى ئۇدا 12 سائەت ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا يىغىندى قارلارنىڭ قېلىنلىقى 20 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاراماي، ئالتاي، غۇلجا ئايرودۇرۇملىرىمۇ قىسقا ۋاقىت تاقالغان.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئۇچۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىشخانىسى خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پەقەت شىنجاڭدىلا ھاۋارايى ناچار بولماستىن، يەنە شاڭخەي، ۋۇخەن ۋە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە يامغۇر ۋە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەچكە، ئۈرۈمچىدىن بۇ يەرلەرگە قاتنايدىغان ئايروپىلانلار ئۇچۇشقا ئامالسىز قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، 31-مارت كېچىككەن نۇرغۇن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى 1-ئاپرېلغا سۈرۈلگەن بولغاچقا، بۇ كۈنى ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكىشىگە سەۋەب بولۇپ قالغان.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved