قۇياش ئېنىرگىيىلىك ئايروپىلاننىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىش سەپىرى

 

تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. شۇ يەر ۋاقتى 6-يانۋار، "قۇياش نۇرى ئىككىنجى" ناملىق ئايروپىلاننى ئېلىپ ماڭغان يۈك ئايروپىلانى ئالەمنى ئايلىنىش سەپىرىنىڭ باش بېكىتى ئابۇدەبىگە قاراپ ئۇچتى.

"قۇياش نۇرى ئىككىنجى" يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئنىرگىيىلىك ئايروپىلان بولۇپ، ئۇنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 مېتىر، ئېغىرلىقى 2.3توننا كېلىدۇ. ئايروپىلان قانىتىغا 17 مىڭدىن ئارتۇق قۇياش ئېنىرگىيە باتارىيىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇلار ئايروپىلاندىكى 4 ئېلېكترونلۇق ماتورنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۈندۈزى قۇياش ئېنېرگىيە باتارىيىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىن ىئايروپىلان ئېلىپ يۈرىدىغان لىتىي باتارېيىسىگە تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. تولۇقلانغان ئېلېكتىرئېنېرگىيىسى بىلەن ئايروپىلان كېچىدە سائىتىگە 46 كىلومېىترلىق سۈرئەت بىلەن ئۇچالايدۇ.

بۇ قېتىملىق ئالەمنى ئايلىنىش سەپىرىدە، "قۇياش نۇرى ئىككىنجى"تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتكەندە ئۇدا ئۇچىدىغان بولۇپ، ئۇچۇش سەپىرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدىكەن. تەخمىنەن بەش كېچە-كۈندۈر توختىماي ئۇچىدىكەن. بۇ مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى شۇنداقلا ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرگە بولغان سىناق بولۇپلا قالماي، پىكارد ۋە بورسبېگ دىن ئىبارەت ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ فىزولوگىيىلىك چېكىگە بولغان خىرىس ھېسابلىنىدۇ.

يېقىندا بۇ ئىككى ئۇچقۇچى ئۇچۇش سىمۇلياتورىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈزگە سوزۇلغا نھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك ئۇچۇش مەشىقنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە نەپەس مەشىقى ۋە يۇگا مەشىقىنى قىلدى. ئۇچۇش سەپىرىدە ئۇلار يەنە كېچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن20 سېلسىيە گرادۇس، كۈندۈز ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرىبولغان ئۇچۇش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ.

ئۇچقۇچى: بورسبېگ

"بىز بىر قېتىملىق دەم ئېلىش ياكى ئۇخلاش ۋاقتىنى 20 مىنۇت دەپ مۆلچەرلىدۇق. ئارقىدىن كونترول مەركىزى بىلەن قايتىدىن ئالاقىلىشىپ، ئايروپىلان ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى، ھەربىر ئۈسكۈنە ئەھۋالىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈرىمىز. ئارقىدىن يەنە بىرقېتىم ئارام ئالىمىز. ھازىر ھەر كۈنى كەچتە قانچە قېتىم ئارام ئالىدىغانلىقىمىز ھەققىدە بىر نىمە دېمەك تەس. بىز تەقلىدىي مەشىق تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلغاندا ھەر 24-سائەتتە ئالتە قېتىمدىن 8 قېتىمغىچە ئارام ئالدۇق. يەنى 24 سائەتتە بىزنىڭ دەم ئالغان ۋاقتىمىزتەخمىنەن2 سائەت. دېمەك ئۇچۇش سەپىرىدە دەم ئالىدىغان ۋاقتىمىز بەك ئاز. "

ئۇچقۇچى: پىكارد

"بىز ئابۇدەبىدىن يولغا چىقىپ، ھىندىستان، جۇڭگونى كېسىپ ئۆتىمىز. بۇ جەرياندا ھەر بىر ئۇچۇش بۆلىكىنىڭ ۋاقتى 24 سائەت بولىدۇ. ئارقىدىن ئۇدا ئۇچۇپ گاۋايغا بارىمىز. ئاندىن يەنە ئامېرىكىغاكېلىپ، ئامېرىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يەنە توختىماستىن ئۇدا ئۇچۇپ، ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، ياۋروپانىڭ جەنۇبىغا ياكى ئافرىقىنىڭ شىمالىغا بارىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىنى ئۇچۇپ ئابۇدەبىگە قايتىپ كېلىمىز. شۇنداق قىلىپ بىز ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈن يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىمىز.

"قۇياش نۇرى ئىككىنجى" تەخمىنەن فېۋرالنىڭ ئاخىرى، ماينىڭ باشلىرىدا ئۆزىنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى رەسمىي باشلايدۇ، پۈتكۈل سەپەرئىيۇلدا ئاخىرلىشدۇ. ئايروپىلان بىر قىسىم جايلارغا بېرىپ قىسقا ۋاقىت دەم ئالغاندا، بەلكىم بىر يۈرۈش ئېكىسكۇرسىيە پائالىيەتلىرى ئويۇشتۇرۇلۇپ، ياشلارنىڭ مەزكۇر يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلىشى مۇمكىن.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
10-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
05-02-2016
      بۇلتۇر يىل ئاخىرى، Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، كەسپى ساھەدىكىلەر Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش گردابىغا بېرىپ...
Powered by Leglek