شەھەر گېزىتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر مەركەزنىڭ تور مۇلازىمەت زالى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئورۇنلار ئېلېكتىرونلۇق تەستىققا ئېرىشكەن ۋە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، توردا ئۇچۇر تەكشۈرۈش، پېچەتلەپ ساقلاش، پېچەتنى ئېچىش، تۈپ ساننى تەڭشەش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغۇچى ئورۇنلار 4500 (بىڭتۈەندىن باشقا) دىن ئارتۇق بولۇپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەر 660 مىڭدىن ئاشقان. مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىش ئارقىلىق، بۇ قېتىم تور تىجارەت زالى ئاساسلىقى تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغۇچى ئورۇنلار بېجىرىدىغان ئاساسى مۇلازىمەتلەرنىلا يولغا قويغان. يەنى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغۇچى ئورۇنلار ئەگەر خادىم ئۇچۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى تاپشۇرغان تۈپ سان نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىگە بارماي، توردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرەلەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزى تور تىجارەت زالى يەنە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغۇچى ئورۇنلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ توردا تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى بېجىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇدىكەن.
![]() |
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
![]() |
2-ماي ۋۇخەننىڭ خەنكۇدا بىر يىگىت كونا پاسوندىكى ۋېلىسىپىتنى مېنىپ كېلىنچەكنى كۆچۈرگەن، كېلىن كۆچۈرۈش ئەترىتى 21 ۋېلىسىپىت مىنگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يولدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved