ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالى يەنە بىر قېتىم قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 15-فېۋرال تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 14-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يېڭىئېنگلاند رايونى يەنە بىر قېتىم ‹‹ ئاق رەڭلىك ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ››نى كۈتۈۋالدى . گەرچە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ قار بەك قاتتىق ياغمىغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭىئېنگلاند موشۇ ئايدا يەنە بىر قېتىم قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاھالىلەر بوران-چاپقۇن، قاتتىق قار، توك توختاشقا دۇچار بولدى .


15-فېۋرال يەرلىكتە ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى پۈتۈنلەي تاقىلىپ، شۇ يەر ۋاقتى 14-فېۋرال كەچ سائەت 10:00 دا قاتناشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان. ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ باشلىقىمۇ ئاھالىلەرنى ئامال بار سىرتقا چىقماسلىققا دەۋەت قىلغان .


14-فېۋرال چۈشتىن كېيىنگىچە، بوستوننىڭ لوگان ئايرودۇرۇمى 81 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان، 15-فېۋرال پورتتىن ئۇچىدىغان 208 نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە پورتقا قونىدىغان 143 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .
قاتتىق قاردىن باشقا، سائەتلىك سۈرئىتى 72 ئىنگلىز مىلىغا يەتكەن شىۋىرغانمۇ يېڭىئېنگلاند دېڭىز قىرغىقىغا ھۇجۇم قىلغان. مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى قاتتىق قارنىڭ قاتناشقا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، تېمپېراتۇرىنىڭ نۆلدىن تۆۋەن℃20 قا چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن .


15-فېۋرال نيۇيوركتا تېمپېراتۇرا 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چەككە چۈشكەن. نيۇيورك شەھىرى، يېڭىئېنگلاند، ناسسائۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار قىشلىق ھاۋارايىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قاتتىق ۋە شىۋىرغاندا كۆرۈش ئارىلىقىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن .


مۇتەخەسسىسلەر باياناتىدا مۇنداق دېگەن : نيۇيورك شەھىرى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە قاتتىق قارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. راگۇادىيا ئايرودۇرۇمىدا 1943-يىلدىن بۇيانقى، مەركىزىي باغچىدا بولسا 1888-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆرۈلگەن .


مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىل ھاۋارايىنىڭ ياشانغانلار ۋە بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ناھايىتى زور بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئامال بار ئۆيدىن سىرتقا چىقماي، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان .



خەتكۈچلەر:
15-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek