پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【خان مادرىد كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 1-2 نەتىجە بىلەن ۋالۇنسىيا كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئۇدا 22 مەيدان غەلبە قىلىش تارىخى ئاخىرلاشتى】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچە سائەت 0 بولغاندا 2014-2015 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدىكى كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ئېلىپ بېرىلدى. ۋالۇنسىيا كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا نۇمۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بۇلۇپ كېلىۋاتقان خان مادرىد كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا قارشى تەرەپ قول توپ بىلەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ خان مادرىد كۇلۇبى نۇقتا توپقا ئېرىشتى. س لو بۇ توپنى كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ۋالۇنسىيا كۇلۇبىدىن باراغان ۋاراتارغا ئۇرغان توپ پې پې نىڭ پۇتىغا تېگىپ چاچراپ ۋاراتارغا كىردى. نەتىجە 1-1 بولدى. ئوتماندى كاللا توپ كىرگۈزۈپ ۋالۇنسىيا كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى ۋالۇنسىيا كۇلۇبى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۇدا 22 مەيدان غەلبە قىلىش تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى.
【بارسېلونا كۇلۇبى 0-1 نەتجە بىلەن خانلىق جەمىيەت كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى چ-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 4 بولغاندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى خانلىق جەمىيەت كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئالبا مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولۇشىغىلا قارشى تەرەپكە يېڭى يىللىق خائىن توپ سوۋغا قىلدى. ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبى 0-1 نەتىجە خانلىق جەمىيەت كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
【ئارسېنال كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن كېيىنكى ئايلانمىغا كىرەلىدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر ۋاقتى 1:30 ئۆتكەندە ئېنگىلاند پۇتبولچىلار جەمىئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا ئارسېنال كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ھول شەھىرى كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. سانچېز بىر توپ كىرۈزدى ھەم ياردەمچى پاس بەردى. ئاخىردا ئارسېنال كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىگە قەدەم قويدى.
【مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن كېيىنكى ئايلانمىغا كىرەلىدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 23:30 ئۆتكەندە ئېنگىلاند پۇتبولچىلار جەمىئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا قىزىل ئالۋاستى مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى مېھمان مەيداندا ئېنگىلاند ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى يىئاۋىل كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. ئاخىرىدا ئېرالانىڭ كېيىنكى يېرىم مەيداندا كىرگۈزگەن دولقۇنسىمان توپى ۋە دىمارىيانىڭ قايتارما ھۇجۇمدا كىرگۈزگەن توپى بىلەن مانچىستىر بىرلەشنىسى كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىگە قەدەم قويدى.
【مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن شېففىلد چارشەنبە كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. مىلنا ئاخىردا قىرغىن توپى كىرگۈزدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 23 ئۆتكەندە ئېنگىلاند پۇتبولچىلار جەمىئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا شېففىلد چارشەنبە كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا شېففىلد چارشانبە كۇلۇبى قايتارما ھۇجۇمدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا مىلنا بىر توپ كىرگۈزدى ۋە مۇسابىقە ئاخىرلىشىش ئالدىدا قىرغىن توپ كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن شېففىلد چارەنبە كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى.
【چېلسىي كۇلۇبى 3-0 نەتىجە بىلەن فولتفۇد كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. رەيمى توپ كىرگۈزدى ھەم ياردەمچى پاس بەردى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچە سائەت 0 بولغاندا ئېنگىلاند پۇتبولچىلار جەمىئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا چېلسىي كۇلۇبى بىلەن فولتفۇد كۇلۇبى مۇسابىقە ئوينىدى. رەيمى بىر توپ كىرگۈزدى ھەم ياردەمچى پاس بەردى. ۋىليام بىلەن زۇما بىردىن توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا چېلسىي كۇلۇبى 3-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved