شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جۇ يىفەن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 18 – ئاپرېلدىن 20 – ئاپرېلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ تاجىكىستاندا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولدى.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 20 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىمامئەلى راخمانوف بىلەن سۆھبەتلەشتى. جاڭ چۈنشيەن ئاۋۋال دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ راخمانوفقا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دوستلۇقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا ئوڭۇشلۇق زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىر قاتار مۇھىم تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى ھەم ‹‹جۇڭگو – تاجىكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما خىتابنامىسى››نى ئىمزالاپ، جۇڭگو – تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى تاجىكىستاندىكى زىيارىتى يەرلىك قاتلامدىن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ راخمانوف ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.
چاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا تاجىكىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان ئۇدۇللىشىش نىشانى بولۇپ، بىز تاجىكىستاننى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم نۇقتىسى قىلىشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپنىڭ قاتناشنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى، بولۇپمۇ جۇڭگو – تاجىكىستان پورتلىرىدا تاشيول ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىنى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى، يۇقىرى ھوسۇل ئاشلىق ئۈلگىلىك بازىسى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى سورتلىرىنى تاللاش ۋە ئۆستۈرۈش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى، پارنىك كۆكتاتچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قوللىشىنى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە داۋاملىق بىرلىكتە زەربە بېرىشىنى، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
راخمانوف رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالام ئېيتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى.
راخمانوف مۇنداق دېدى: تاجىكىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق جۇڭگو – تاجىكىستان پورتلىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى؛ يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىن ھەمكارلىشىش يۆنىلىشى قىلىپ، شىنجاڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى؛ شىنجاڭنىڭ پاختا، شوخلا مايسىسى ئۆستۈرۈش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى، كېسەللىك ھاشارات زىيىنىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تاجىكىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى؛ ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى (يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاجىكىستان خەلقى ئارىسىدا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى)؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تاجىكىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن تاجىكىستاندىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇش مەقسىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.
جاڭ چۈنشيەن 20 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن راخمانوف بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايوننىڭ 500 كىلوۋولتلىق ئېلېكتىر تور قۇرۇلۇشى ۋە ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن جۇڭگو – تاجىكىستان دوستلۇق مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
جاڭ چۈنشيەن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: بىۋاسىتە قاراشلىق رايوننىڭ ئېلېكتىر تورى تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايوننىڭ توك ئىشلىتىشىنى مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تاجىكىستان دۆلىتىنىڭ ‹‹سۇ، ئېلېكتىر ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش›› ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو – تاجىكىستان دوستلۇق مەكتىپى تاجىكىستان دۆلىتىدىكى 1200چە ياش ۋە ئۆسمۈرنى زامانىۋى ئۆگىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىدۇ. ئىككى تۈر جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئالاھىدە دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشىدىكى كونكرېت تەدبىرى. شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈنۈمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سەۋىيە بىلەن تېخىمۇ نادىر قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئالاھىدە دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
راخمانوف تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ خالىسانە ياردىمىدە تاجىكىستان بىر قاتار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلارنىڭ 500 كىلوۋولتلىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تاجىكىستاندىكى ھەرقايسى رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېڭى تىپتىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو – تاجىكىستان دوستلۇق مەكتىپى تاجىكىستاننىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ئىككى تۈر جۇڭگو – تاجىكىستاننىڭ ھەمكارلىقىدىكى يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە بولىدۇ.
جاڭ چۈنشيەن بىلەن راخمانوف بۇ ئىككى تۈردە قۇرۇلۇش باشلاشنىڭ ئۇل سېلىشنامىسىگە ئىمزا قويدى ھەم يەرلىكنىڭ ئۆرپ – ئادىتى بويىچە ئۇل سېلىشنامىسىنى ئالتۇن رەڭلىك قەلەمدانغا سالدى، ئاندىن قەلەمداننى بېتونغا قاتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ باشلانغانلىقىغا سىمۋول قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 19 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى راسۇلزودانىڭ ھەمراھلىقىدا دانجارا شەھىرىنى تەكشۈردى. جاڭ چۈنشيەن بىلەن راسۇلزودا 20 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە سۇگىد ئوبلاستىنىڭ مەركىزى خۇجەند شەھىرىدە سۇگىد ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان كوسېنوس بىلەن سۆھبەتلەشتى.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تاجىكىستاندىكى مەزگىلىدە يەنە دۈشەنبە شەھىرى، خۇجەند شەھىرى، دانجارا شەھىرىدە شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستاندىكى تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دۈشەنبە 2 – نومۇرلۇق تېرموئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي زاۋۇت ئۆيى ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 2 – قارارلىق قۇرۇلۇش مەيدانىغا كېلىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تاجىكىستاندىكى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. جۇڭگو، تاجىكىستانلىق قۇرۇلۇشچىلار ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسى خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى.
شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى 1 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دانجارا شەھىرىدە ‹‹جۇڭتەي›› يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق كەسپى رايونى قۇردى.
شىنجاڭ چۆچەك خەلقئارا بايلىق چەكلىك شىركىتى تاجىكىستاندا 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تاجىكىستان – جۇڭگو كانچىلىق چەكلىك شىركىتى قۇردى.
جاڭ چۈنشيەن بۇ كارخانىلارنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كارخانىلىرى ‹‹(سىرتقا) چىقىرىش قۇرۇلۇشى››نىڭ تۈرتكىسىدە تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۈنۈمى، شىنجاڭ روھى ۋە شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى. تۈر قۇرۇلۇشچىلىرى يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئورۇنداش قىيىن بولغان ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئەستايىدىل، چىدامچان ساپاسى، قاتتىق جەڭ قىلىشتىن قورقماس ئىستىلى، تەقدىم قىلىش روھى بىلەن دۆلەتكە، شىنجاڭغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، يەرلىكتىكى خەلقنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى. جاپا چەكتىڭلار! كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭ روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇشلارنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە قىلىپ، تاجىكىستان خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە دۈشەنبە شەھىرىدىكى مەزگىلىدە دېھقان ئابدۇرېھىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندىكى باش ئەلچىسى فەن شيەنرۇڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى ھەم سۆھبەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، كۇڭ شىڭلۇڭ ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىقتى ھەم يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved