ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى بىلەن چاۋشيەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ۋەكىلى 19 – يانۋار سىنگاپوردىكى ئىككى كۈنلۈك بىرەسمىي سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئامېرىكا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا چاۋشيەن ئوتتۇرىغا قويغان يادرو سىنىقىنى شەرتلىك توختىتىش لايىھەسىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: نۆۋەتتە چاۋشيەن – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئىككى تەرەپ بىرەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بىر – بىرىنى چېكىپ باقماقچى بولغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى بىرەسمىي سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئادەمنى ئانچە خۇشال قىلالمايدۇ. ھازىر يەنىلا ئىككى تەرەپنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى تۈپ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىق ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
چاۋشيەن: يەنە شەرت قويدى
بىرەسمىي سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ۋەكىلى لى يوڭخاۋ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەن يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان يادرو سىنىقى قىلىشنى توختىتىش ئۈچۈن قويغان شەرتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، چاۋشيەن ئامېرىكىغا بۇ قېتىمقى تەكلىپنىڭ مەقسىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىگە ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى سەۋەب بولدى، ئامېرىكا بىلەن كورېيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى توختاتسىلا، چاۋشيەن يادرو سىنىقى قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: چاۋشيەن ھەربىي مانېۋىرنى ۋاقىتلىق توختاتقاندا ئاندىن يادرو سىنىقىنى ۋاقىتلىق توختىتىمىز، دېگەن ئالدىنقى شەرتنى قويدى. بۇنىڭدا چاۋشيەن چاۋشيەن – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىشلا بولۇپ قالماستىن، يەنە جەنۇب – شىمال سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۈملىدىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
چاۋشيەننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش نىيىتىگە كەلگىنىگە خېلى بولدى. 2014 – يىلى 11 – ئايدا ئامېرىكا چاۋشيەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئاخىرقى ئىككى ئامېرىكىلىقنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇلار چاۋشيەندە سوتلىنىپ، ئايرىم – ئايرىم 15 يىللىق ۋە ئالتە يىللىق ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئامېرىكا پۇقراسىنى قويۇپ بېرىش قارارىنى چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ كۆپ قېتىملىق تەلىپىنى نەزەرگە ئېلىپ چىقاردى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانىدا تۈپ ئۆزگىرىش بولمىدى، تاشقى مۇھىتتا ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىغان ھازىرقى ئەھۋالدا، يادرو مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەدە چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشى ناتايىن.
چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى –– ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى››گېزىتى سىنگاپوردا بىرەسمىي سۆھبەت ئاياغلاشقان كۈنى ئوبزور ئېلان قىلىپ: ‹‹ھەربىي ئىشلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى›› بىلەن ‹‹يادرو تەھدىتى›› چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئۆتكۈر شەمشەر، مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، دېدى.
ئامېرىكا: ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ
ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىدىكى سابىق پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى بوسۋورس بىرەسمىي سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم ئىلگىرى نېمە بولغانلىقى توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشلار يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك كېڭەشتى، دېدى. بوسۋورس يەنە: بىز بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كېلىپ قاتناشمىدۇق، بەلكى چاۋشيەن مەسىلىسىدە تەجرىبىلىك ۋە بۇنىڭغا قىزىققۇچى سالاھىيەت بىلەن قارشى تەرەپنىڭ قارىشىنى بىلىش ئۈچۈن كەلدۇق، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى: بوسۋورس قاتارلىق كىشىلەر چاۋشيەن دائىرىلىرى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇچراشقىنى يوق، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بىرەسمىي سۆھبەتكە قاتناشقان خادىملىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن بىرەسمىي سۆھبەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا ‹‹دىپلوماتىيە سىياسىتى››ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: بىرەسمىي سۆھبەتكە قاتناشقان چاۋشيەن ئەمەلدارىنىڭ دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ سىنگاپوردا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى مۇھىم ‹‹ئاخبارات قىممىتى››گە ئىگە، بولۇپمۇ ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن بولغان قاتمال مۇناسىۋەتنى تۈگەتمەكچى بولۇۋاتقان پەيتتە، تېخىمۇ شۇنداق. ماقالىدە ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىس سىكات سىنەيدىرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: بۇنداق شارائىتتا چاۋشيەنلىكلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سېلىش ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تاكتىكىسىنى بىلىشكە پايدىلىق.
گەرچە چاۋشيەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايمىز، دېگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا چاۋشيەندىن ئالدى بىلەن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە چاۋشيەنگە ياخشى نىيىتى بارلىقىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، سىنگاپوردىكى سۆھبەتكە قاتناشقان ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى تونى نانگۇڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ئۆزگىرىپ ‹‹يۇمشاپ قالدى››، ئىلگىرىكى نەچچە يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ‹‹جانلىق››ئىش كۆرىدىغان بولدى.
كورېيە: يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى
كورېيە بۇ قېتىمقى ‹‹يېرىم ئەمەلدار، يېرىم پۇقرا››قاتناشقان چاۋشيەن – ئامېرىكا بىرەسمىي سۆھبىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭدىكى قىزىق نۇقتا چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىپادىسى، چاۋشيەننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشتىكى ھەقىقىي نىيىتى ھەم سۆھبەت نەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كورېيە كيۇڭنام ئۇنىۋېرسىتېتى يىراق شەرق مەسىلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى لىن يىچۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن مۇشۇنداق 3 – تەرەپ دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان كورېيە – چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يېڭى بۆسۈش نۇقتىسى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا سۆھبىتىدە مۇئەييەن ئىلگىرىلەشلەر بولىدىكەن جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىۋىتىدە سىجىل ياخشىلىنىش ئىمكانىيىتى بولۇشى مۇمكىن.
چاۋشيەن ئوتتۇرىغا قويغان كورېيە – ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرىنى توختىتىشنى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرت قىلىشى توغرىسىدا كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەيدانى بىردەك بولۇپ، ھەر ئىككىسى بۇنى ياقلىمىدى. كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانى باشتىن ئاخىر ئۆزگەرمىدى، يەنى چاۋشيەندىن سەمىمىيلىك بىلەن قەدەم بېسىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، چاۋشيەننىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: قانداق قىلىپ چاۋشيەننى كورېيەنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇرغۇزۇش نۆۋەتتە كورېيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تېخىمۇ رېئال مەسىلە بولۇپ قالدى. 2014 – يىلنىڭ ئاخىرىدا كورېيە 2015 – يىلى 1 – ئايدا ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا جەنۇب – شىمال يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم بىر نەچچە سورۇندا چاۋشيەننى كورېيەنىڭ تەكلىپىگە ئاكتىپ پائال ئاۋاز قايتۇرۇشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، چاۋشيەن ھازىرغىچە بۇنىڭغا رەسمىي ئىنكاس قايتۇرمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved