15-يانۋار شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بولغان ‹‹مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى››نىڭ ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى، خاربىن، چىچىخار، شاڭخەيدىن ئىبارەت تۆت ئاياللار مۇز توپ كوماندىسى ئۈرۈمچىگە يىغىلغان بولۇپ، ئۇلار تەرتىپلىك، جىددىي مەشىقنى باشلىۋەتتى.
ئۈرۈمچى ئاياللار مۇز توپ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى سۈن رۈينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇز توپ بۆلەك مۇسابىقىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاياللار مۇز توپ كوماندىسى 9-يانۋار مۇز توپ سارىيىغا كېلىپ، بىر قاتار ماسلىشىش مەشىقلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
سۈن رۈي مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈرۈمچى ئاياللار مۇز توپ كوماندىسى ناھايىتى ياش كوماندا، 19 نەپەر ئەزانىڭ كۆپ قىسمى 15~16 ياشلىق قىزلار. ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ، ھەر بىرىنىڭ تۆت يىلدىن يۇقىرى مۇز توپ تارىخى بار، مەشىق قىلغاندا ھەممىسى ناھايىتى ئەستايىدىل، قىتىرقىنىپ مەشىق قىلىدۇ››.
16 ياشلىق تەنھەرىكەتچى يەن خوڭشىن مۇنداق دېدى: ‹‹ساراينىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە مۇز يۈزى شۇنداق ياخشىكەن، تەنھەرىكەتچىلەر ياتىقىنىڭ يېمەكلىك، ياتاق، ئارقا سەپ مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق قالتىسكەن. كۆپچىلىكنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، ئۈرۈمچىگە ۋاكالىتەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن››.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسىگە بەش كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن باشقا، يەنە خاربىن كوماندىسى، چىچىخار كوماندىسى، شاڭخەي كوماندىسى ۋە شياڭگاڭ كوماندىسى قاتنىشىدىكەن.
سۈن رۈي تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار تېخىمۇ ياش، ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. خاربىن ئاياللار مۇز توپ كوماندىسى ئاياللار مۇز توپ كوماندىلىرى ئىچىدە باشلامچى كوماندا، ئۈرۈمچى كوماندىسى بىلەن ئەمەلىي كۈچى ئانچە پەرقلەنمەيدىغان چىچىخار كوماندىسىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، ئۇلارنىڭ كوماندىسىدا دۆلەت كوماندىىسنىڭ ئەزالىرىمۇ خېلى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۈرۈمچى ئاياللار مۇز توپ كوماندىسى چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ››.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved