ھىندىنوزىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى دېڭىز تاشقىنىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش مىخانىزىمى ئورنىتىشقا چاقىردى


سىنا تورى خەۋىر لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئەڭ يېڭى خەۋەر مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە .شۇ جاي ۋاقتى 26-دېكابىر 50 نەچچە دۆلەتنىڭ ھىندىنوزىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ھىندىنوزىيەدىكى ھەر قايسى ساھەلەردىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئادەم ئاتسېخ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى باندا ئېچېدا ئۆتكۈزۈلگەن دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان .ھىندىنوزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى كارامۇ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان .


خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئاتسېخ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرىگە تەشەككۈرنامە تارقىتىپ ،ئۇلارنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى .كارا سۆز قىلىپ ئاتسېخ ئۆلكىسىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان دۆلەت ۋە رايونلارغا رەھمەت ئېيتتى .توغرا كېلىپ قالغان يېرى شۇ كى ئەينى يىلىدىكى دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا كارا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئىدى ،ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەندى ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

 

دېڭىز ئاپىتى تاشقىنى يۈز بەرگەن ئون يىلىدىن كېيىن ،ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئاتسېخ ئۆلكىسىدىكى 30 تىرىليون ھىندونېزىيە دۇڭى تەخمىنەن بىر مىليارد بەش يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاتسېخ ئۆلكىسىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەكتەپ ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرۈشىگە ياردەم بەردى .ھۆكۈمەت يەنە قىسمەن رايونلاردا دېڭىز تاشقىنىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش سېستىمىسى ،دېلتىنىڭ تاشقىنىنى ئاققۇزۇش تونىلى ۋە جىددىي ئەھۋالدا پاناھلىنىش ئورنى ياساپ چىقتى

.

بۇنىڭدىن سىرت ئاتسېخ ئۆلكىسى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئالتە مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشتى .دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 700گە يېقىن ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ،بۇ شەھەرنىڭ بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ چىقاردى .
10 يىلنىڭ ئالدىدىكى 26-دېكابىردا ھىندىنوزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلىدا قاتتىق يەر تەۋرەپ ئارقىدىنلا مىسلىسىز ھىندى ئوكيان دېڭىز تاشقىنى يۈز بەردى .

 

ۋە سېرلانكىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى ،10 يىلدىن كېيىنكى 26-دېكابىر سرىلانكا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ۋاپات بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى .25-دېكابردىن باشلاپ سېرلانكىدا تۈرلۈك نەزىر چىراغ پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى .26-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئارالدىكىلەر ئۈچ مىنوت تەزىيە بىلدۈرۈپ 10 يىل بۇرۇنقى ھىندى ئوكيان دېڭىز تاشقىنىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خاتىرىلىدى ھەمدە سېرلانكىغا ئامانلىق تىلىدى .شۇ يىلقى دېڭىز تاشقىنى پېرالىيە ۋوگزالى خانىشى ناملىق پويىزغا ئولتۇرغان 2000شا يېقىن يولۇچىنى سۇغا غەرق قىلىۋەتتى ئاپەتتىن كېيىن سرىلانكا ھۆكۈمىتى تۆمۈر يول رېلىسنى رېمونت قىلدى .ھەمدە بۇ يىل نويابىردا پېرالىيە كەنتىگە 2 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ بۇ يەرگە كىچىك تىپتىكى پورتتىن بىرنى قۇردى .ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى

.
تايلاند شۇ يەر ۋاقتى 26-دېكابىر كەچ جەنۇبىي قىسىمدىكى بىر مەھكىمىدە ھىندى ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .پائالىيەتنىڭ مەقسىتى قازا قىلغانلارنى ياد ئېتىش .ھايات قالغانلار غا ياردەم بېرىش ئىلگىرى تايلاندقا ياردەم بەرگەن دۆلەت تەۋە تەشكىلاتلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ،شۇنداقلا ئامما ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى دېڭىز تاشقىنىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش مىخانىزىمىنى قۇرۇشقا چاقىرىش ئىدى.


2004-يىلى 26-دېكابىر تايلاند دېڭىز ساقچىسى مەھكىمىسىنىڭ ت 813 ناملىق دېڭىز چارلاش پاراخوتى تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ئاناداما دېڭىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا دېڭىز تاشقىنى بۇ پاراخوتنىڭ دېڭىزدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويدى .دېڭىز تاشقىنىدىن كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ دېڭىز ساقچىسى پاراخوتنى كېيىنكىلەرگە ئەينى يىللاردىكى دېڭىز ئوكيان تاشقىنىنىڭ كۆلىمى ۋە بۇزغۇنچىىق كۈچىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ جايغا قۇيۇپ قۇيۇشنى قارار قىلىدى .تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن دېڭىز ئوكيان تاشقىنىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراىسم ،مۇشۇ دېڭىز ئوكيان ساقچىسى پاراخوتىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزۈلگەن .تايلاند زۇڭلىسى پىرايوس ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامۇر ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپەتنى ئازايتىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن دېڭىز .ئوكيان تاشقىنىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ،ھايات قالغانلار ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسم تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى 26-دېكابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى .


پىرايوس ئوچا مۇراسىمدا سۆز قىلىپ :ئون يىل ئىلگىركى ئاپەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق تۇغقان يۇرتلىرىدىن ئايرىلغانلىقى تايلاندنىڭ ئاپەتتىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى ،تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم قولىنى سۇنغان بارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ى .ئۇ يەنە تايلاندنىڭ دېڭىز ئوكيان تاشقىنىدىن سىگنال بېرىش مىخانىزمى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش مىخانىزمى بەرپا قىلىپ تايلاند خەلق ۋە بارلىق چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

 

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
29-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek