ئامېرىكا ئاق ساراي 10-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ ئوباما شۇ كۈنى تۇنىس شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا بولمىغان ئىتتىپاقدىشىمىز دەپ جاكارلىدى، بۇ ئامېرىكا بىلەن تۇنىسنىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، دېدى. بۇ يىل 21-ماي، ئوباما ئاق سارايدا تۇنىسنىڭ زۇڭتۇڭى ئايسىبۇشى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن تۇنىسنىڭ دېپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋېتىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۇنىسقا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا بولمىغان مۇھىم ئىتتىپاقداشلىق دۆلەت ئورنىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ قورال ياراغ ئېكىسپورتىنى كونترول قىلىش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا بولمىغان ئىتتىپاقداشلىق ئورنىغا ئېرىشكەن دۆلەت ئامېرىكىنىڭ قورال ياراغلىرى، ھەربىي جابدۇقلىرى، مۇداپىيە ھەمكارلىق تۈرلىرى شۇنداقلا ھەربىي قورال ياراغ تەتقىقاتىغا ئېھتىياجلىق قەرزىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved