گېنىرال ئابدۇلفەتتاھ سەئىد ھۈسەيىن خەلىل ئەس-سىيسى 1954-يىلى 19-نويابىردا قاھىرە شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى سەئىد ھۈسەيىن سىسى، ئانىسى مەلىكە تىيتانى. ئۇ مىسىرنىڭ 6-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى. ئۇ 2012-يىلى 12-ئاۋغۇستتا مىسىرنىڭ سابق ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى تەرىپىدىن مىسىر قۇراللىق ئارمىيسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 2014-يىلى 27-يانۋاردا مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 2014-يىلى 26-مارتتا مىسىر قۇراللىق ئارمىيسى ئالى كومىتىتى باشلىقى ۋە مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشقان. 2014-يىلى 26، 27 ۋە 28 مارتتا ئېلىپ بېرىلغان قاتنىشىش نىسبىتى 40% بولغان پرېزىدېنت سايلىمىدا 97% ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنت بولغان. سىسى 1977-يىلى مىسىر جەڭ ئاكادىمىيسىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئۇ 1992-يىلى ئەنگىلىيە جەڭ ئاكادىمىيسىدە ئوقۇغان. 2006-يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاكادىمىيسىدە ئوقۇغان. سىسى 2008-يىلى شىمالى ھەربىي رايۇنى-ئىسكەندەرىيە شىتابى قۇماندانى، ۋە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى بولغان. 2012-يىلى 12-ئاۋغۇستتا مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى تەرىپىدىن مىسىر قۇراللىق ئارمىيسى باش شىتاب باشلىقى مۇھەممەد ھۈسەيىن تەنتاۋىنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن. سىسى يەنە مىسىر مىنىستىرلار كومىتىتىدا مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
2013-يىلى 1-ئىيۇلدا مىسىر ئارمىيەسى شۇ ۋاقىتتىكى پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىغا دۆلەتتىكى سىياسىي كىرزىسنى 48 سائەت ئىچىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغان. 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا مۇرسىغا بېرىلگەن ۋاقىت توشقان ھامان مىسىر ئارمىيىسى خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن سايلانغان پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئاساسى قانۇننى توختاتتى، مۇرسينىڭ ئورنىغا ئەدلى مەنسۇرنى ۋاقىتلىق پرېزىدېنت قىلىپ تەيىنلىدى. نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرىنى زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى. سىسي تېلېىۋوزۇردا سۆز قىلىپ، «مىسىر پرېزىدېنتى مۇرسىنىڭ مىسىر خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىيالمىغانلىقىنى» ئېيتتى. ۋە ئاساسى قانۇننى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 2014-يىلى 29-مايدا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىش نىسبىتى 40% ئەتراپىدا بولۇپ، سىسى بۇ سايلامدا 97% ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى. 2014-يىلى 8-ئىيۇندا پرېزىدېنتلىق ئورنىدا رەسمى ئولتۇردى. ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق مۇددىتى 4 يىل.
61 ياشلىق سىسينىڭ مۇستاپا، مەھمۇد، ھەسەن دەپ 3 ئوغۇل پەرزەنتى ۋە ئايا دەپ 1 قىز پەرزەنتى بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved