سۈرەتتە: جۇڭگو- پاكىستان بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانىۋېرىغا قاتناشقان خادىملار جۇڭگو تەرەپنىڭ سۇ-30 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئىگىلىنىشچە، 2008- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پاكىستان 17 قېتىم تۈرلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ چەتئەللەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكىتى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدىلا، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن 40 قېتىمدىن ئارتۇق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. مەسىلەن، 2015- يىللىق جۇڭگو- رۇسىيە دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن 4- قېتىملىق بىرلەشمە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مانىۋېرى، جۇڭگو- سىنگاپور ھەمكارلىقى 2015 بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى قاتارلىقلار.
ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى لېي زېنىڭ ئېيتىشىچە، ئازادلىق ئارمىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىرتقا چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دوستانە دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ئىشلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو يەنە ھەربىي ئىشلار ئالاقىسىنى پۇرسەت قىلىپ، ئارمىيەلەر ئارا ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتقان. نېمىلا دېگەن بىلەن، يۈزتۇرا ھەمكارلىق ھەممىدىن كۈچلۈك.
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو يەنە تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ «كۆڭلىنى ئېلىپ»، نىزانى تۈگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى ۋە ئويلىغانلىرىنى بىلدۈرۈپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بۆلگۈنچىلىك قىلىش قەستىنى بىتچىت قىلدى.
ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا مۇنداق قارالدى: جۇڭگونىڭ گەرچە ھەربىي ئىتتىپاقدىشى بولمىسىمۇ، ئەمما ھەربىي ئىتتىپاقداشتىنمۇ دوستانە بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بار، مەسىلەن جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى پاكىستان، كامبودژا، لائوس، تانزانىيە، بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر جۇڭگو تەرەپتە تۇرىدۇ. جۇڭگو بۇ دۆلەتلەرگە ئىلغار قورال- ياراغ تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ياردەم تەمىنلەيدىغان دۆلەتتۇر، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىدا بىر قىسىم ئادالەتنى ياقلايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
ئامېرىكا تاراتقۇسىدا مۇنداق دېيىلدى: شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 70 تىن ئارتۇق دۆلەت ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، جۇڭگونى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىردى، ھەمدە جۇڭگونى دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشتۈردى. بۈگۈن، جۇڭگونىڭ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دوستلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ 3- دۇنيا ئەللىرىگە سالغان مەبلىغى دۇنيا بانكىسىدىن ئېشىپ كەتتى، ئافرىقىغا سالغان مەبلىغى بولسا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، شۇڭا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا جۇڭگو بىلەن پۇت تېپىشمىكى ئىنتايىن قىيىن.
ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى لېيزې ئەپەندى مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، چۈنكى بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەمەلىي كۈچى ئۆرلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ چەتئەلگە قاراتقان دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى ئوڭۇشلۇق بولدى. بىر قىسىم ھەربىي ئىتتىپاقلاردىكى «ھەر كاللىدا ھەر خىيال ۋە ساختا ھېسسىيات» قا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ دوستلىرى ئۇلاردىن خېلىلا سەمىمىيدۇر.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved