كۇيتۇن شەھىرىدىن تۇنجى بولۇپ يولغا چىققان شىنجاڭ-گىرۇزىيە خەلقئارا يۈك پويىزىدا 29-يانۋار رەسمىي قاتناش باشلاندى.
بۇ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە گىرۇزىيەگە قاتنايدىغان تۇنجى نۆۋەتچى پويىز بولۇپ، 41 ۋاگونلۇق بۇ پويىزغا بەش خىل مېتال قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىكلەر، تۈرلۈك ماللار، قىزىل ھاراقنى ئوراپ قاچىلاش ئەسلىھەلىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 1200 توننا ئېغىرلىقتىكى مال بېسىلغان.
بۇ پويىز كۇيتۇن باجسىز ماددىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق، قازاقىستان، رۇسىيە، ئەزەربەيجاندىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبىلىسقا يېتىپ كېلىدىكەن. ئومۇمىي مۇساپە 5470 كىلومېتىر بولۇپ، مۇساپىنى بېسىش ئۈچۈن تەخمىنەن 25 كۈن كېتىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved