جۇڭگو ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يۇقۇم رايونى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ جەڭ قىلماقتا

ئېبولا يۇقۇمى بۇ يىل ئەتىيازدا غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتتە پارتىلىغاندىن بۇيان، 4500دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. بۇ ئاپەت ئالدىدا جۇڭگو ئىزچىل يۇقۇم رايونىدىكى خەلق بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ جەڭ قىلىپ، پۇل، ماددىي ئەشيا، خادىم ۋە تېخنىكا جەھەتلەردە يۇقۇم رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ياردەم بەردى. بۇ ياردەملەر ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى.
ئۇزۇندىن بۇيان، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىن تارتىپ دۆلەت ھالقىغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە، ئادىن قولتۇقىدا قاتناشنى قوغداشقا كەڭ قاتنىشىشتىن خەلقئارادا نامراتلىقنى يۆلەشكىچە جۇڭگو ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن بىر چوڭ دۆلەتلىك مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى.


ئېبولا يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر بولغان غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. بۇ يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئېغىرلىتىۋەتتى. ئېبولانىڭ تەھدىتىگە قارىتا، نۇرغۇن دۆلەتلەر چېگرىنى تاقاش ئارقىلىق يوقۇمنى توستى، بەزى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى گىۋىنىيە، لىبېرىيە ۋە سېررالىئونغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى توختاتتى. نۇرغۇن پاراخوتلارمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ پورتلىرىدا توختىمايدىغان بولدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەممىدىن بۇرۇن گىۋىنىيە، لىبېرىيە، سېررالىئون، گىۋىنىيە بىسسائۇ قاتارلىق تۆت دۆلەتكە ئايرىم-ئايرىم دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ياردەم قىلدى.


ئاۋغۇستتا، جۇڭگو لىبېرىيە، سېررالىئون ۋە گىۋىنىيەگە يەنە بىر قېتىم 30 مىليون يۈەن يۈەن ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيا ياردىمى بەردى ھەمدە بۇ ماددىي ئەشيالارنى بۇ ئۈچ دۆلەتكە ھاۋادىن جىددىي يۆتكىدى. سېنتەبىردە جۇڭگو ئافرىقىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە قىممىتى 200 مىليون يۈەنلىك پۇل، ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا ياردەم بېرىدىغانلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەر بىرىگە ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن پۇل ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


24-سېنتەبىر لىبېرىيەنىڭ پايتەختى مۇنروۋىيەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگونىڭ لىبېرىيەنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا يېڭىدىن ياردەم بېرىش ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا لىبېرىيە زۇڭتۇڭى جونناسىن سېررىلىئاف: بۇ جۇڭگونىڭ ئىزچىل لىبېرىيە بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەقىقىي دوستى ۋە ئىشەنچىلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بېرىدۇ دېدى. لىبېرىيە ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇشتا جىددىي مالىيە ۋە ماددىي ئەشياغا ئېھتىياجلىق بولغاندا جۇڭگو يەنە بىر قېتىم ياردەم قولىنى سۇنۇپ، لېبېرىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ناھايىتى زور ياردەم بېرىپ، لىبېرىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە قايتا قۇرۇلۇشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.

 

ھازىرغىچە، جۇڭگو ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 200 مۇتەخەسسىس ۋە داۋالاش خادىمىنى غەربىي ئافرىقىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، گىۋىنىيەدىكى تۇنجى ئېبولا بىمارىغا تېخى دىياگنوز قويۇلمىغاندا جۇڭگونىڭ گىۋىنىيەدە تۇرۇشلۇق جۇڭگو-گىۋىنىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئۇنى داۋالىغان. گەرچە بۇ دوختۇرخانىدىكى يەرلىك توققۇز داۋالاش خادىمى يۇقۇملىنىپ، ئالتىسى قازا قىلغان بولسىمۇ، جۇڭگو داۋالاش خادىملىرى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلمىدى.


جۇڭگونىڭ لىبېرىيەگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تۇرۇشلۇق لىبېرىيە پايتەخت دوختۇرخانىسىدا مىسىر ۋە ئامېرىكىنىڭ دوختۇرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ يەردىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ داۋالاش خادىملىرى ئۆز ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنى ئالدىنى شەرت قىلغان ئاساستا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فېڭفۇجېن سېنتەبىرنىڭ باشلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە داۋالاش خادىمى ئەۋەتىپ ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ، ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا يۇقۇمى پارتىلىغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنى دالدىغا ئالمىدى، جۇڭگونىڭ داۋالاش خىزمەتچىلىرى ئېبولا بىمارلىرى ھەمدە باشقا بىمارلارغا داۋالاش مۇلازىمىتى قىلدى. مەن بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
«سارس»تىن مۇداپىئەلىنىشتىن تارتىپ H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقىچە جۇڭگو ئۇشتۇمتۇت ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن تەجرىبە توپلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياردەمچى باش ئىش بېجىرگۈچىسى فۇكۇدا كېيجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىگە غايەت زور مەبلەغ سالدى، يۇقۇمنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنكاسى تېز ۋە ئومۇميۈزلۈك بولدى. غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىگە سالىدىغان سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، نۆۋەتتە خەلقئارادا ئۇشتۇمتۇت ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە ئايلانغان ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.


شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش بىر ئۇزۇن جەڭ. بۇ جەڭدە جۇڭگو باشتىن ئاخىر يۇقۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ كۆرەش قىلىدۇ. نېگىرىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە ئېيتقاندەك: ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ياخشى قېرىنداش، ياخشى دوست ۋە ياخشى شېرىكلەر، ئۇلار قىيىنچىلىقتا بىرگە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق جىددىي پەيتلەردە جۇڭگو خەلقى ئافرىقا خەلقى بىلەن بىرگە قىيىنچىلىقنى يېڭىشنى خالايدۇ.



خەتكۈچلەر:
22-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek