شىنجاڭدىكى ‹‹يەرئاستى سەددىچىن سېپىلى›› قايتىدىن ‹‹ھاياتلىققا ئېرىشتى››


شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ بەش يىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە، كارىزدىن ئىبارەت قەدىمىي يەر ئاستى سۇ يولىنىڭ توسۇلۇپ قالغان قىسىملىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك راۋانلاشتۇرۇلدى، ھازىرغىچە 100دىن ئارتۇق كارىز قايتىدىن ‹‹ھاياتلىققا ئېرىشتى››.


كارىز قەدىمىي يەر ئاستى سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ، سەددىچىن سېپىلى ۋە بۈيۈك قانال بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان جۇڭگودىكى قەدىمىي ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ ھەم ھازىرغىچە پايدىلىنىۋاتقان يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت مىراسى. لېكىن 2009 – يىلى مەملىكەتلىك 3 – قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى، توڭلاش – ئېرىشنىڭ ئالمىشىشى، ئاپتوموبىللارنىڭ ئېغىر بېسىمى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى 1108 كارىزنىڭ 278 دىن باشقىلىرىدا سۇ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى بايقالغان.


بۇ ‹‹يەر ئاستى سەددىچىن سېپىلى››نى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كارىزلارنى رېمونت قىلىش 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئاۋۋال تۇرپان ۋىلايىتىدە باشلاندى. ھازىرغىچە تۇرپان ۋىلايىتىدە كارىزلارنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى تۆت قېتىم ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىي 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 108 كارىز مۇستەھكەملەندى. تۆتىنچى قېتىم رېمونت قىلىنغاندا جەمئىي 18 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كارىز رېمونت قىلىنىپ، لاي – لاتقىسى تازىلىنىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كارىز ئېغىزى مۇستەھكەملىنىپ، خارابىلىكلەر ياخشى قوغدىلىنىپ، كارىزلارنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى.


تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: رېمونت قىلىش ۋە مۇستەھكەملەش ئارقىلىق، كارىز سۈيى ئومۇميۈزلۈك %30تىن %60 كىچە كۆپەيدى.


تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر تۇرپان ۋىلايىتى بەشىنچى قېتىملىق قۇرۇلۇشنى باشلاپ، 15 كارىزنى مۇستەھكەملەشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.



خەتكۈچلەر:
23-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
02-05-2016
     جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاكودىكى بىر ئايال ستارباكس (Starbucks) تىن ئىچىملىك سېتىۋالغاندا، ئىچىملىككە قوشۇلغان مۇز پارچىسى بەك...
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
28-04-2016
    شىياڭگاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 27- ئاپرېل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ساياھەت زۆرۈر لازىمەتلىكلىرىدە ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت ئىكەن. ئىسپانىيە ساياھەت تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دو...
Powered by Leglek