پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سوۋغا قىلدى
11-11-2014
0
880
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
thumb

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا رۇسىيەدە ئىشلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون YotaPhone-2 دىن بىرنى سوۋغا قىلغان . ئىگىلىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ ئېكرانىغا رۇسىيە ، جۇڭگو ۋە APEC نىڭ بەلگە سۈرىتى مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئىكەن .


رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئاخبارات باياناتچىسى پېسكوۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردە خەلق پۇلىنى راسچوت قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان .


ئىگىلىنىشىچە ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 9-نويابىر جۇڭگوغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، بۈگۈن ( 10–بويابىر ) بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان APEC بىرەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن . ئۇ يىغىندىن ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ گاز بىلەن تەمىنلەش رامكا كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويغان .


YotaPhone رۇسىيە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئالدى ، كەينى ئىككىلا يۈزىگە ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ ، كىشىگە بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدىكەن . بۇ يانفون 2013-يىلى 12-ئايدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ ، رۇسىيەنىڭ ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭلىسى مېدۋېدىۋ بۇ يانفونغا ئۆزى ‹‹ ۋاكالەتچى ›› بولغان . پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىغان YotaPhone-2 باھاسى ۋە تېخنىكىلىق پارامېترى جەھەتتە سونى XperiaZ1 ( تەخمىنەن 700 ئامېرىكا دوللىرى ) بىلەن LGG2( تەخمىنەن 560 ئامېرىكا دوللىرى ) دىن تۆۋەن بولۇپ ، ئاساسلىق خېرىدارلار توپى بازاردىكى يېڭى مەھسۇلاتقا قىزىقىدىغانلار ئىكەن .

 



خەتكۈچلەر:
11-11-2014
0
880
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
23-03-2015
0
85
thumb
خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولغان CBRE شىركىتى ۋە جۇڭگو چىخاۋ شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 2025–يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئەمگەك كۈچى بازارلىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ يېرىمى كومپيۇتېرلارغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى سەۋەب...
21-03-2015
0
217
thumb
جاھان ئاگېنتلىقى 20-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەقلىي يانفۇن ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت HTC دە شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان CEO «ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى» Peter Chou ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى، CEO ئورنىغا شىركەتنىڭ يەنە ب...
20-03-2015
0
274
thumb
1. نېرۋىسى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشقانلار: يانفوننى كۆپ ئىشلەتسە، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق نېرۋا ئاجىزلىق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەسلىدىنلا نېرۋىسى ئاجىز ك...
18-03-2015
1
361
thumb
‏لەگلەك تورى خەۋىرى، مىكروسوفت WinHec چوڭ يىغىنى شىنجىندا رەسمىي ئىچىلغان. ئىلىمىزدە خوۋاي شىركىتى باشچىلىقىدا مىكروسوفت Windows Phone قۇشۇنىغا كىرگەن شىركەتلەرنىڭ WindowsPhone نۇسخسىدىكى يانفۇنلار بازارغا سېلىپ كىلىۋاتقان بولۇپ مانا شى...
17-03-2015
0
169
thumb
بېيجىڭ ۋاقتى 16-مارت خەۋىرى: رېيتېر ئاگېنتلىقى بىرلەشمە بازارا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورنى ( Ipsos) نىڭ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %75 ئادەم ‹‹ ئالما سائەت ›› كە قىزىقمىغان. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىل...
17-03-2015
0
133
thumb
گېرمانىيەنىڭ ھانوفېردا ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى Gabriel غا سوۋغا تەقدىم قىلدى 2015-يىللىق گېرمانىيە ھانوفېر خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر تېخنىكا كۆرگەزمىسى ( قىسقارتى...
16-03-2015
0
282
thumb
ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى. « ۋال سىترېت كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە يېڭى نۇسخىدىكى iPhone ئىلگىرى بار بولغان كۆمۈش كۈل رەڭ، قارا ۋە ئالتۇن رەڭلىك...
15-03-2015
0
437
thumb
تېڭشۈن پەن - تېخنىكىسى 3-ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى خەۋىرى ┃ لەگلەك تورى تەرجىمىسى : 4G LTE تورىنىڭ ھەرقايسى شەھەر، بازارغا كىڭەيگەندىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى 4G LTE بولغان پائالىيەتلەر ۋە ماختاش سادالىرى تەرەپ - تەرەپدىن كىشلەر قۇلاقلىرىدا جار...
15-03-2015
0
251
thumb
رېيتېر ئاگېنتلىقى 14-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تېخنىكا تۆگىسى بولغان «ئالما» شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ ، 2011-يىلى شىركەتنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇرغۇچىسى ستېۋ جوبىسقا جىگىرىدىن بىر قىسىمنى بەرمە...
12-03-2015
0
196
thumb
خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى: Bloomberg ئاگېنتلىقىنىڭ 10-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ‹‹ ئالما ›› شىركىتى جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلارغا ماس كېلىدىغان يانفون ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، جۇڭگو بازارلىرىدا قىزغىن ئالقىشىغا ئېرى...
Powered by Leglek