ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 23- مارت خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئۆي - مۈلۈك ۋازارىتىنىڭ ئەمەلدارى يوشىخادې سۇگا بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شېنزونىڭ 26-ئاپرېلدىن باشلاپ ئامېرىكىدا سەككىز كۈن رەسىمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ مەزگىلدە ئابې شېنزو بوستون، ۋاشىنگىتون، سان فىرانسىسكو، لوس ئانژېلىس قاتارلىق تۆت شەھەرگە بارىدىكەن ھەمدە 27-ئاپرېلدىن باشلاپ 30-ئاپرېلغىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ ، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ 2006-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكا ئاق سارايمۇ 23-مارت ئىسپاتلىغان. ئىگىلىنىشىچە ئابې شېنزو 28- ئاپرېل ئاق سارايدا زىيارەتتە بولۇپ ئوباما بىلەن دۆلەت زىياپىتىدە بىللە بولىدىكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ TPP (تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)، ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.ئاقساراي تەرەپنىڭ باياناتىدا يەنە ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى يەنە بىر قاتار ئىقتىسادىي، خەۋپسىزلىك ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.
« ئامېرىكا-ياپونىيە مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىمىشى» ھازىرقى ئامېرىكا -ياپونىيە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، ئىككى دۆلەت بۇلتۇر 12-ئايدا بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى ماقۇللاشنى كېچىكتۈرگەن، چۈنكى بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لاھىيەدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ياپونىيە دۆلەت قانۇنىدىكى بىر قىسىم ماددىلار بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن. ئىككى تەرەپ 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ لاھىيەنى ماقۇللاشقا كېلىشكەن بولۇپ، تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ئابې شېنزونىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ لاھىيەنى ماقۇللاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە-كورېيە مۇناسىۋىتىمۇ ئابې شېنزونىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ ياپونىيە بىلەن كورېيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا-ياپونىيە-كورىيە ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved