دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئاممىنىڭ مەلۇم قىلىشىغا ئاساسەن، يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى دورىدا قانۇنغا خىلاپ زور دېلودىن 11 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا ئاساسەن توققۇز دورا كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىپ، ساختا دورا ياساش ئۇۋىسىدىن 2 نى بىتچىت قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گۇاڭشى يۈلىن شەھەرلىك خۇائەنتاڭ جۇڭيى دورىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، يۈلىن شەھەرلىك خۇاتاڭ جۇڭيى دورىسى چەكلىك شىركىتى يالغان دورا ئىشلەپچىقىرىپ ساتقانلىقتىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىككى كارخانىدا بىردەك بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خاتىرىسى كەمچىل بولۇشتەك «دورا ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇش» قا ئېغىر خىلاپ ھەرىكەت مەۋجۇتلۇقى بايقىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىندى، كارخانىنىڭ بىۋاسىتە باش مەسئۇلى ۋە باشقا مەسئۇل خادىملىرىغا قانۇن بويىچە 10 يىل ئىچىدە دورا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىق جازاسى بېرىلدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved