مەركىزى كومىتېت جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى


شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .مەركىزى كومىتېت جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە زور مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى توغرۇلۇق ھەر قايسى سىنىپتىكى پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزى كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە گورۇھسىز زاتلاردىن پىكىر تەكلىپ ئالدى .سۆھبەت يىغىنىغا مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ،مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسى ،مەركىزى كومىتېت ئەزالىرىدىن جاڭ دېجىياڭ ،يۈ جىڭشىڭ ،ۋاڭ چىڭشەنلەر قاتناشتى .

سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابى كومىتېتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشىياڭ ،جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتنىڭ رەئىسى جاڭ باۋ گۈەن ،جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجېن ،جۇڭگو دېمكۇراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى ،جۇڭگو دېھقان ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتنىڭ رەئىسى چېن زۇ ،جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ ،ئۈچىنچى سېنتەبىر جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې ،جۇڭگو تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ جىشەن ،مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چىنلىن ،پارتىيە گورۇھسىز زات گو لىۋەن سۆز قىلدى .


ئۇلار ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە زور مەسىلە ھەققىدىكى قارارىنى ئالقىشلىدى ،ھەم ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇسىنى قوغداش ،ئاساسىي قانۇننىڭ ئىزچل ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ،قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ،قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ،قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ،قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ،قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ،ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداش ،قانۇن ئىدارە قىلىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ،پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇن ئىزىغا چۈشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،بازار ئىگىلىكى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ،جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى .


شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹كۆپچىلىك قاراتمىلىق ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە نۇرغۇن ياخشى پىكىر ياخشى تەكلىپلەرنى بەردى .ھۆججەتلەرنى تەييارلاشتا زور ياردىمى بار ،بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قۇبۇل قىلىمىز .دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش پارتىيە 18قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ،ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ،ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ،سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتىى.

دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ،جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازات قىلىش ۋە كۈچەيتىش ،ئىجتىمائىي ئادىللىق ھەققانىيەتنى ياقلاش ،ئىجتىمائىي ئىناقلىق مۇقىملىقنى قوغداش ،دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى .ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئىشلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سىجىل ،ساغلام تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ ،جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە قىلىشتا ،ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ،پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاش لازىم ›.


.پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى :قانۇن ئارقىلىق ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۈپ شەكلى .سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ ،دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ،مەركىزى كومىتېت پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى .

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ،دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ،تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قۇيۇلدى .بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك . شى جىنپىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ تەييارلىنىش جەريانىنى تۇنۇشتۇردى .قارارنى تەييارلاشتا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىي ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقى ،ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ،ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ،دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ئومۇمىيۈزلۈكنىڭ لوگىكىلىق مۇناسىۋىتى چىڭ تۇتۇلغانلىقى ،جۇڭگوچە سوتسيالزىم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ ،ھەر ساھەدىكى ئىسلاھات تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكى ،ئېلىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتىڭ ئاساسىي ئەندىزىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ ،قانۇن چىقىرىش قانۇن ئىجرا قىلىش ،قانۇن يۈرگۈزۈش قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئىبارەت تۆت چوڭ جەھەتتە خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تەكىتلەندى .


باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹ بىز يۈزلىنىۋاتقان ئىسلاھات ،تەرەققىيات مۇقىملىق ۋەزىپىسى مىسلىسىز مۇھىم ،بىزگە خەۋپ خەتەر ،رىقابەت ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ .دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ،رولى تېخىمۇ مۇھىم .بىز جەزمەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي فاڭجېن ئىستراتېگىيىسى ۋە قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي شەكلىدە چىڭ تۇرۇپ ،خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ،سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك .

بايرىقىمىز روشەن ھالدا ،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ،جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ ،ئىسلاھاتنى تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ ،دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ،قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت ،قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ ،جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىدارە قىلىش قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ،سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشىمىز كېرەك .شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى .

بىرلىك سەپ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ،قابىلىيەتلىكلەر كۆپ ئالاقە دائىرىسى كەڭ قوشۇن .ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانۇن ساھەسىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەر ئالىملار بار ،بەزىلىرى قانۇن چىقىرىش ،قانۇن ئىجرا قىلىش ،قانۇن يۈرگۈزۈش ،قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ،مەن كۆپچىلىكنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور مەسىلىلەر ۋە خەلق ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەر ،قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ ،تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ،مەركىزى كومىتېتقا مەشغۇلاتچان تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

كۆپچىلىكنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ كەڭ ئەزالارنى قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ سادىق چوقۇنغۇچىلىرى ،ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى ،قەتئىي قوغدىغۇچىغا ئايلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ،كۆپچىلىكنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ،قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىشى ھۆكۈم چىقىرىشى تەدبىر كۆرسىتىشى ،قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھات ئورتاق تۇنىشىغا مۇجەسسەملەپ ،تەرەققىياتنى قېلىپلاشتۇرۇپ ،زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن ›.


سۆھبەت يىغىنىغا ۋاڭ خۇنىڭ ،شىن چى لىياڭ ،لى جىيەنگو ،ۋاڭ ياڭ ،لى جىيا شۇ ،گو شەنكۈن ،جوۋ چىياڭ ،ساۋ جىيەنمڭ ،شۇنداقلا مەركىزى كومىتېت ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى .پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار ئىچىدە يەنە لو فۇخې ،چېن شىياۋگۇاڭ ،لىيۇ شىياۋ فېڭ قاتارلىقلار بار .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



26-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek