راكىتا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 107گە قارشى 111 نومۇر بىلەن چاقماق كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە تۇنجى قېتىم رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. راكىتا كوماندىسى پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان لىن شۇخاۋ ئالدىغا چىقىپ خاردىن بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلىمەكچى بولغاندا خاردىن پەرۋاسىز مۇئامىلىسىەە ئۇچرىدى. خاردىن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئىچىپۇشقان لىن شۇخاۋ ئۆزى ئۆزى يالغۇز كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قايتتى. ئامېرىكا «sportige» تور بېكىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى جورجى خاردىن بىلەن لىن شۇخاۋنىڭ راكىتا كوماندىسىدىكى ماسلىشىشىغا قارىتا باھا بەردى. جورجىنىڭ باھاسىغا قارىغاندا ئىككى ئەزا بارا بارا يىراقلىشىشى مۇمكىن بولۇپ، بىر كوماندىدا بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالىشى ناھايىتى تەس.ئۇنىڭ پەرىزىچە راكىتا كوماندىسى كەلگۈسىدە چوقۇم لىن شۇخاۋدىن ۋاز كېچىدۇ.
ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى بىللە ئەھۋالغا قارىغاندا، خاردىن بىلەن لىن شۇخاۋنىڭ بىللە مۇسابىقە ئوينىغىنىنى كۆرمەك ئاسان ئەمەس. بىللە مۇسابىقە ئوينىسىمۇ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولمىقى بەك تەس. خۇددى بۇ مۇسابىقىگە ئوخشاش لىن شۇخاۋنىڭ پۈتۈن مەيداندا كىرگۈزگەن ئىككى ئۈچ نومۇرلۇق توپى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا تەرەپلەردە ئاساسەن ئىپادىسى ياخشى ئەمەس.ئەكسچە لىن شۇخاۋنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغان بۇ ئاخشامدا خاردىن پارتلاش خاراكتېرلىق توپ ئوينىدى. ئۆزى يالغۇز بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى دېسىمۇ بولىدۇ. يەنى ئۆزى يالغۇز 39نومۇر ئالدى. 8 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. ھەمدە يەتتە قېتىم ياردەنچى پاس بەردى. گەرچە نىكېس كوماندىسىدىكى «لىن ساراڭ» نىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىدارىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ بىراق راكىتا كوماندىسىنىڭ لىن شۇخاۋنى داۋانلىق تەربىيىلەيدىغان نىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. بۇ يەردە لىن شۇخاۋ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىپ قويالمىدى.ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولسا راكىتا كوماندىسىنىڭ ئارقا مەيدانىدا خاردىن بار.
راكىتا كوماندىسى ئۆزىنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار ئومۇمىي چېمپىيۇنلۇققا بەك تەقەززا بولۇپ كەتتى. باش لىدىر مورى كۆپ قېتىم راكېتا كوماندىسىنىڭ نىشانى پەقەت ئومۇمىي چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ھەمدە مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئېرىشىش كېرەك ئىدى. شۇڭا راكىتا كوماندىسىنىڭ لىن شۇخاۋنى تەربىيىلەيدىغانغا يېتەرلىك تاقىتى قالمىدى.
ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved