ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 17-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا چوڭ كىرۇگېر (Greater Kruger) دۆلەتلىك باغچىسىغا بارغان ساياھەتچىلەر ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر كىچىك بۆكەن يىرىتقۇچ يىلپىز تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان. ئۇلار بىرلىكتە ئويناپ، ئوتلاقتا بىرلىكتە ئارام ئالغان.
ئالاقە تورىغا يوللانغان مەزكۇر سىن ماتېرىيالىدىن ئايان بولۇشىچە، بىر يىلپىز بىچارە ۋە يالغۇز بىر كىچىك بۆكەنگە قاراپ ماڭغان، بۇنداق ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كاللىسىغا بىرىنچى بولۇپ، كىچىك بۆكەننىڭ ئەجلى توشتى، دېگەن خىيال كېلىدۇ. بىراق دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يىلپىزنىڭ ئوۋ ئوۋلاش ھەرىكىتى تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ، بەلكى دەل ئەكسىچە كىچىك بۆكەن بىلەن بىرلىكتە ئويناشقا باشلىغان. ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن ھالدا بىر يىلپىز بىلەن بىر كىچىك بۆكەن بالىسىنىڭ بىرلىكتە ئويناپ، بىرلىكتە خاتىرجەم ھالدا ئارام ئېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالغان.
كېيىن كىچىك بۆكەن ھەتتا ئاكتىپلىق بىلەن يىلپىزغا يېقىنلاشقان، ھەتتا مەڭزىنى يىلپىزغا ياققان. سىن ماتېرىيالىنىڭ ئاخىرىدا كىچىك بۆكەن يىلپىزنىڭ يېنىدا يېتىپ ئارام ئالغان. مەزكۇر سىن ماتېرىيالى تورغا يوللانغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم تورداشلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان، تورداشلار تۇشمۇ-تۇشتىن قوپۇپ يىلپىز بۆكەن بالىسىنى يەمدۇ-يېمەمدۇ، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا تالاش-تارتىش ئېلىپ بارغان.
بىراق مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىش ياكى مىساللار بۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئوۋ نىشانى بولغان باشقا ھايۋانلار نەتىجىدە قوغداشقا ئېرىشكەن. مەسىلەن 2002-يىلى كېنىيەدە بىر چىشى شىر ئۈچ كىچىك بۆكەننى بېقىۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر كىچىك بۆكەننى ئەركەك شىر ئۆلتۈرىۋەتكەندە، چىشى شىر ناھايىتى ئازابلانغان.
بىر تورداش مۇنداق دەپ ئىنكاس يازدى:«بېشى ئارقىلىق ھېسىياتىنى ئىپادىلەش مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل ئەھۋال سوراش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، يىلپىز ھەرگىزمۇ كىچىك بۆكەننى ئۆزىنىڭ ئوۋ نىشانى قاتارىدىلا كۆرمىگەن.» بىراق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، يىلپىز پەقەت پۇرسەت كۈتىۋاتقانمىش. يەنە بەزى كىشىلەر مۇنداق دېدى:«يىلپىز ھازىر بەلكىم كىچىك بۆكەننىڭ چوڭ بولۇشىنى ساقلاۋاتقان بولۇشى، سەل چوڭراق بولغاندا ئاندىن قورساقنى راسا بىر تويغۇزماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.»
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved