تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئەنگلىيەدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلاردىكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۈلۈشكۈنكى پارلامېنت سايلىمىدا يېرىمدىن كۆپىرەك ئورۇنغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ بىلەن كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى مۇقىملىشىپ قالغان.
سايلام رايونىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنتتىكى 327 ئورۇنغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى ئورۇننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، كامېروننىڭ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىنى ئۇدا ئۆتۈشى مۇقىملىشىپ قالغان.
كامېرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سايلام نەتىجىسى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئىجابىي ئىنكاسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۆتكەن بەش يىلدا ئىقتىسادى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، داۋاملىق ئىش ئورنى ياراتتى.
سايلامدا مەغلۇب بولغان مىرىباندى شۇ كۈنى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كلېگ بىلەن ئەنگلىيە مۇستەقىللىق پارتىيەسىنىڭ باشلىقى فاراچمۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved