72 سائەتلىك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت 8 دە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى غەززە رايونىدا يەنە بىر قېتىم ئېتىشتى. ھازىرغىچە پەلەستىن تەرەپتىن 1 كىشى قازا قىلدى، 9 كىشى يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن توپچىلار قىسمىغا غەززە رايونىغا زەربە بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە قىسمىنىڭ ھازىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئېھتىيات ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىيتانىياخۇمۇ دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنى كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشكە بۇيرۇغان.
بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە قاھىرەگە ئەۋەتكەن سۆھبەت ۋەكىلىمۇ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلگەن، ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، سۆھبەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنمىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved