جاھان ئاگېنتلىقى 2-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيەنىڭ كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا بىر بېلىقچى پارخوتى چۆكۈپ كېتىپ 54 كىشى ئۆلدى، 15 كىشى يۇقاپ كەتتى. پارخوتتىكى 163 كىشىدىن 63 كىشى قۇتقۇزۇلدى. دېڭىز ساھىلى بخەتەرلىك قىسىمىدىن كاپىتان ۋىكتور كلىپكوۋ، كامچاتكا يېرىم ئارىلىدىكى قۇتقۇزۇش مەركىزىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارخوتتا 132 نەپەر كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ رېيتىر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، ئۇلاردىن ھازىرغا قەدەر 63 كىشىنىڭ قۇتقۇزۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە 22 كىمە ۋە بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئاجرىتىلغان بولۇپ، مەزكۇر رايۇندىكى ھاۋا شارائىتى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. 1989-يىلى ياسالغان بۇ پارخوتنىڭ مۇز پارچىسىغا سوقۇلغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار. كامچاتكا يېرىم ئارىلى چوڭ ئوكياندىكى ئوھوتسك دېڭىزى بىلەن بىرڭ دېڭىزى ئارىسىغا جايلاشقان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش ئادرېسى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved