«ساياھەت قىلىمەن» دەپلا ساياھەتكە يول ئېلىش دېمەككە ناھايىتى ئاساندەك تۇيۇلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ دۆلەت ھالقىپ ئۇزۇن مەزگىللىك ساياھەتكە چىقىش. لېكىن، ئامېرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇلار جەمئىي ئۈچ يىل ساياھەت قىلدى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئەر-ئايال ئادام بىلەن ئەمىلىيە تەۋەككۈلچىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، 2012-يىلى ئۇلار پىلانىغا ئاساسەن قىزىنى ئېلىپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنى ئايلانماقچى بولغان ھەمدە بۇ ساياھەت جەريانىدا، جەمئىي 15 دۆلەتنى ئايلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىمۇ بار.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، بۇ ئەر-ئايال ساياھەت قىلىشنى پىلانلىغان ۋاقىتتا، كىچىك تىپتىكى بىر يۈك ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ ياسىغان، ئۇنىڭ ئىچىگە 20 ئايلىق بولغان قىزى ئولتۇرىدىغان كىچىك ئورۇندۇق، بىر دانە توڭلاتقۇ، بىر يۈرۈش ئاشخانا سايمانلىرى، گىلەم، قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارىيە تاختىسى ھەمدە موتور قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان، يەنە ئۆي سەرەمجانلىرىنى سېتىش ۋە ئىئانە توپلاش ئارقىلىق مەبلەغ توپىلىغان. كېيىن، ئۇلار بۇ قېتىملىق ساياھىتىنى باشلىغان.
ساياھەت جەريانىدا، ئەمىلىيەنىڭ بويىدا قالغان، بىراق ئۇلار يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ چىلى، ئارگېنتىنا، پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان ۋاقىتتا، ئىككى قېتىم تەكشۈرتكەن، ئاخىردا ئۇ بىرازىلىيەگە بارغان ۋاقىتتا، كىچىك قىزىنى تۇغقان. كېيىن، كىچىك قىزى ھاياتىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلارنى ساياھەت ئارقىلىق باشلىغان.
مۇقىم ئۆيدىن ۋاز كېچىپ، بۇنداق ئۇزۇن ھەم خەتەرلىك ساياھەتنى باشلىغانلىقىغا نىسبەتەن، ئەمىلىيە مۇنداق دېدى: «كالىفورنىيە ئىشتاتى مەڭگۈ بىزنىڭ يۇرتىمىز، ئۇ يەردە بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلىرىمىز بار ھەم ئۆيىمىزمۇ شۇ يەردە. بىراق بۇ بىر ئۆي خالاس، بىردىن بىر تۇرالغۇ جاي ئەمەس. بىزگە نىسبەتەن، ئائىلە ئاللىقاچان ئېلاستىكلىققا ئىگە سۆزگە ئايلاندى، تۇراقلىق قۇرۇلمىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىز بۇ يۈك ماشىنىسىنى ئۆي قىلدۇق، بىراق پۈتۈن دۇنيا بىزنىڭ ئۆيىمىزگە ئوخشاش».
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved