جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، ب د ت ، 9-ئىيۇل تېلېگراممىسى : پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئۇرۇش ئوتى قايتا تۇتىشىپ ، ۋەزىيەت بىردىنلا يامانلاشتى . پەلەستىن تەرەپنىڭ 9-ئىيۇلدىكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا 47 ئادەم قازا قىلغان ، 370 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .
بۇ كۈنى ، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى دەرھال زوراۋانلىقنى توختىتىشقا چاقىرىپ ، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا سۆھبەت ئۈستىلى ئالدىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . بانكىموننىڭ باياناتچىسى بانكىموننىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن دۆلەت رەھبىرى بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئېيتقان .
پەلەستىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا ، ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 47 ئادەم قازا قىلغان ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋام پۇقرا ئىكەن . ئىسرائىلىيە تەرەپتىن ھازىرچە ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ھەققىدە مەلۇمات كەلمىگەن . ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved