ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق بىر بېلىقچى ئالىياسكىدا 200 ياشتىن ئاشقان بىر بېلىقنى تۇتۇۋالغان.
بېلىقچى مۇنداق دېگەن:« مەن ئۇ بېلىقنىڭ يېشىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، ئەمما كېمىدىكى ئالياسكا قوللانمىسىنى ئېچىپ كۆرۈپ ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ رېكورت ياراتقانلىقىمىزنى بىلدۇق».
قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بۇ بېلىقنىڭ ئېغىرلىقى 40 قاداق (18كىلوگىرام) بولۇپ، ھازىرغىچە تۇتۇلغان ئەڭ چوڭ بېلىقكەن. بۇ ئالياسكىدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بېلىق تۈرى بولۇپ، 700 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتىنكى سۇدا ياشايدىكەن.
بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ بېلىق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، بۇ بېلىقنىڭ ھەقىقى يېشىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئەۋرىشكىسى ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ مەركىزى جۇنۇدىكى تەتقىقاتچىلار ئورنىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved