ئۆزىنىڭ گۈللۈگىنى بۇ نەپس مىكرو ئىمارەتلەر بىلەن توشقۇزغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئەتراپتىكى بىكار بوشلۇقلارنى داۋاملىق قېزىپ يېڭى قۇرۇلۇشلارنى تاماملاشقا باشلاپتۇ، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ماشىنا ئىسكىلاتىدا بۇ مىكرو ئىمارەتلەرنى ياساش بىلەن ئۆتكۈزگەن بوۋاي، مەزكۇر «مىكرو كەنت» نى داۋاملىق كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن…
67 ياشلىق ئەنگلىيەلىك بوۋاي Lawson Robinson، پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئارخېكتورلۇققا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىدىن ۋاز كېچەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆيىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى گۈللۈكتىن پايدىلىنىپ، بىر يۈرۈش «مىكرو كەنت» قۇرۇپ چىققان، بۇ كەنتتە قەلئە، سېپىل، قاۋاقخانا، چېركاۋ، داچا قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.
بوۋاينىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر ئۆمۈر دېگۈدەك سىرتتا ئارخېكتورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن داۋاملىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرۈشكە چىدىماي، ئاخىرى بۇ مىكرو ئىمارەتلەرنى قۇرۇشنى قارار قىلىپتۇ، بۇنداق قىلغاندا ۋاقىت ئۆتكۈزگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخىمۇ كۆپ مىكرو قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق ياساش پلانىنى سوقۇۋېتىپتىمىش…
بۇ بىنالار ئىگىزلىكى بىلەن بىرىنجى بولماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما زىچلىقى ۋە ھەيۋەتلىكىدە گەپ يوق
يۇقىرىدىكى ئىككى پارچە رەسىم ماشىنا توختىتىش مەيدانى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىز...
|
شىركەت كارخانىلارنىڭ يەڭگىل ئازادە ياسسىلىشى بىزنىڭ تېخنىكىنى ئاساس قىلغان ئىنتېرنىت بىلەن ئېتىشىدىغانلارغا ماس كەلگۇدەك
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
|
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved